ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشسىز سوغوق سەيلەر
موگونى مەن ئەزەلدىن قورۇپ ئىستېمال قىلمايمەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   باھار پەسلى كېلىپ ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى، شۇڭا سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن سەيلەرمۇ، تاماق ئۈستىلىدە تېخىمۇ كۆپلەپ كۆرۈلىدىغان بولدى. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، موگونىڭ تۆۋەن ماي تەركىبلىك تەييارلاش ئۇسۇلى—قولدا تىتىپ تەملەشتۈرۈلگەن موگو تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: سىپرېس موگوسى(杏鲍菇)، سامساق چانالمىسى، كىچىك قىزىلمۇچ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، شىڭچوۋ، ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر، غولپىياز مايسىسى، قىزىتىلغان ماي
تەييارلاش ئۇسۇلى
   سىپرېس موگوسىنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلايمىز؛ موگونى تاللىغاندا، رەسىمدىكىگە ئوخشاش ئۇزۇنلۇقى 15-12 سانتېمىتىر ئەتراپىدا بولغىنى ئەڭ ياخشى.
   موگونى ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، دۈملەش قازىنىغا سېلىپ دۈملەيمىز؛ تەخمىنەن ئون مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىسەك پىشىدۇ.
   موگونى دۈملەپ پىشۇرغان ئارىلىقتا قىيام تەييارلىۋالىمىز: كىچىك قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، سامساق چانالمىسى، كىچىك قىزىلمۇچ سالىمىز؛ كەينىدىن قازاندا ئازراق ماي قىزىتىپ، ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كەينىدىن يەنە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، ئاز مېقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلايمىز.
   موگو پىشىپ بولغاندىن كېيىن، قازاندىن ئېلىپ سۇۋۇتۇپ، قولىمىزدا تىتىپ ئۇزۇن قەلەمچە ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
   تەڭشەپ تەييار قىلغان قىيامنى موگونىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرساقلا، بۈگۈنكى قولدا تىتىپ تەملەشتۈرۈلگەن موگو تەييار بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号