ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشسىز سوغوق سەيلەر
ئۈچ خىل رەڭلىك سوغۇق سەي
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-06-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ھەم ئەنئەنىۋى سوغۇق سەيلىرىدىن بىرى بولغان ئۈچ خىل رەڭلىك سوغۇق سەي(يەنى بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان لاۋخۇ سەي ياكى پىلاخۇڭ) تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: كۆكمۇچ، شوخلا، پىياز، يۇمغاقسۈت، سامساق
   تەم خۇرۇچلىرى: ئاق ئاچچىقسۇ، تۇز، كۈنجۈت مېيى
   تەييارلاش ئۇسۇلى: كۆكمچ بىلەن پىيازنى قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ شوخلىنى يالپاق ھالەتتە توغرايمىز؛ يۇمغاقسۈتنى كىچىك بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ سامساقنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   تەملەندۈرۈش ئۇسۇلى: چوڭراق قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، توغراپ تەييارلىغان كۆكمۇچ، پىياز، شوخلا، سامساق قاتارلىقلارنى سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاق ئاچچىقسۇ، تۇز قوشۇپ ئاستا ئارىلاشتۇرىمىز. ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چىرايلىق تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە توغراپ تەييارلىغان يۇمغاقسۈتنى سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
   ئەسكەرتىش: ئارىلاشتۇرغان ۋاقىتتا يىنىك ھەم ئاستا ئارىلاشتۇرۇش كېرەك، ئەگەر بەك كۈچىۋەتسەك، كۆكتاتلار ئىزىلىپ سۈپەتكە تەسىر يىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号