ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشلۇك سوغوق سەيلەر
ئۇرۇقلاش ئۈچۈن كۆكتاتلا يىيىش كىرەك دەپ كىم دەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىدىغىنىمىز، ماي تەركىبى تۆۋەن ھەم ئىشتىھانى ئاچىدىغان سۇغۇق سەي—قولدا تىتىلغان لىمون تەملىك توخۇ گۆشىنى تەييارلاش ئۇسۇلى. بۇ خىل سۇغۇق سەيدە، ئەسلىدە تەمى ئاددى ھەم يەككە بولغان توخۇ تۆش گۆشى، ئاچچىق-چۈچۈك ھەم تەملىك بولۇپ ئۆزگىرىپ، ئۇرۇقلاش يولىڭىزنى ئۇنچە بەك مۈشكۈل قىلىۋەتمەيدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   توخۇ تۆش گۆشى، لىمون، پىياز
خۇرۇچ ماتىريالى
   كۆكمۇچ، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، پىياز، سامساق، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن مېيى، ئاق شىكەر، يۇمغاقسۈت، زەنجىۋىل
 
-1-
   ئالدى بىلەن توخۇ گۆشىنى قېلىن يىرىنى ئاساس قىلىپ كىسىپ ئىككىگە پارچىلايمىز؛
 
-2-
   قازانغا سۇ قۇيۇپ، توخۇت گۆشىنى سالىمىز ھەمدە زەنجىۋىل، غولپىياز قوشۇپ غەلىتە تەمنى يوقىتىمىز؛ 15مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن، لەيلەپ چىققان موزىلىرىنى سۈزۈۋىتىپ، توخۇ گۆشىنىڭ رەڭگى ئاققا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا سۈزۈپ ئېلىپ، قولىمىزدا تىتىپ قەلەمچە ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛
 
-3-
   چوڭراق چىنىدىن بىرنى تەييارلاپ تىتىلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسىنى سالغاندىن كىيىن، ئۈستىگە شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن مېيى، شىكەر، سامساق چانالمىسى، كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، توغرالغان كۆكمۇچ، قەلەمچە قىلىپ توغرالغان پىياز، ئۇششاق توغرالغان يۇمغاقسۈت قاتارلىقلارنى قوشىمىز؛ كەينىدىن ياپراقچە قىلىپ توغرالغان لىموننى سىقىپ سۈيىنى تېمىتىمىز ھەمدە لىمون ياپراقچىسىنىمۇ چىنىگە سېلىپ، قولىمىزدا تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن 10مىنۇت قويۇپ قويىمىز؛
   توخۇ تۆش گۆشى، ئۇرۇقلاشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىك؛ ئەمما ئادەتتە تائام تەييارلىغاندا، ئاسانلا قۇرۇق قاقشالدەك پىشىپ قالىدۇ. بىراق، بۈگۈنكىگە ئوخشاش قولدا تىتىلغان لىمون تەملىك توخۇ گۆشى سۇغۇق سېيى تەييارلىساق، تەمى تەملىك ۋە گۆشى يۇمران بولىدۇ؛ بۇىڭغا سۇسقىنا لىمون تەمى قوشۇلۇپ، ئېغىزىڭىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号