ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشلۇك سوغوق سەيلەر
توخۇ گۆشىنى جىياۋماجىدىن قېلىشمايدىغان تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان، شىنجاڭدىكى توخۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ شىنجاڭدىن ھايات چىقىپ كىتەلمەيدۇ. داپەنجى، لازىجى، جىياۋماجى، كاۋجى...
   توخۇ گۆشىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ھەممىسىنى ئاساسەن تېتىپ چىققانمىز. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، توخۇ گۆشىنى يېڭىچە بىر تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: بىر تال توخۇ، زەنجىۋىل، غولپىياز
   تەم خۇرۇچلىرى: تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، ئاق شېكەر

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
توخۇ گۆشىنى قازاندىكى سۇغا سېلىپ، بىر قوشۇق تۇز ۋە مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل، غولپىياز مايسىسى، تېتىتقۇ ھارىقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ قاينىتىمىز.
چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، لەيلەپ چىققان موزىلىرىنى سۈزۈۋىتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.

-2-
ئەگەر چاينىسا ئېغىزغا ئۇرۇنغىدەك ئېلاستىكىلىق توخۇ گۆشى يەيمەن دېسەك، قاينىتىپ پىشۇرغان توخۇنى سۈزۈۋالغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇغا چىلاپ سۇۋۇتىمىز.
توخۇ گۆشىنى چاناپ پارچىلايمىز.

-3-
غولپىياز مېيى تەييارلايمىز. قازانغا كۆپرەك ماي قۇيۇپ، توغرالغان غولپىياز مايسىسىنى سېلىپ، كۈيۈپ قارىدىغۇچە داغلايمىز.
قازاندىكى مايغا بىر قوشۇق زەنجىۋىل چانالمىسى، ئۈچ قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاق شېكەر، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى، يېرىم قۇشۇق تۇز، يېرىم پىيالە توخۇ گۆشى شورپىسى قۇشۇپ قىيام تەييارلايمىز.

-4-
چاناپ پارچىلىغان توخۇ گۆشىنى تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە تەييارلىغان قىيامنى قۇيساق، بۈگۈنكى غولپىياز مېيىدا تەملەشتۈرۈلگەن توخۇ گۆشى تەييار بولغان بولىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号