ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشلۇك سوغوق سەيلەر
ئەڭ تەملىك بولغىنى يەنىلا بۇ خىلدىكى كالا گۆشى ئىكەن!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
     بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توك قازىنىدا پىشۇرۇلغان كالا گۆشى تۇنۇشتۇرىمىز، بۇ خىلدا تەييارلانغا كالاگۆشىنى، ئۆزىڭىز تەييار قىلغان قىيامغا قوشۇپ يىسىڭىز، لەززىتىنى شۇ ۋاقىتتا بىلىسىز.
كىتەرلىك ماتىريال:
     كالا گۆشى، سوقۇلغان قىزىلمۇچ، (ياقتۇرسىڭىز سامساق ۋە زەنجىۋىل قوشۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ)
تېتىقۇ خۇرۇچلىرى:
     يىمەكلىك مېيى، تۇز، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق كۈنجۈت

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-Step 1-
     ئاۋال كالا گۆشىنى سۇدا بىر قاينىتىۋالىمىز؛ قايناپ بولغاندىن كىيىن يېغىلغان گۆشنى سۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن قويۇپ قويىمىز.

-Step 2-
     كالا گۆشىنى توك قازىنىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىنلارنى قوشىمىز؛ بۇندىن باشقا ئىككى قوشۇق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، تۆت قوشۇق تۇز قۇيىمىز.

     يىمەكلىكلەرنى يۆگىگۈدەك سۇقۇيۇپ، توك قازىنىنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ، 30 مىنۇت پىشۇرىمىز.

-Step 3-
     تۆۋەندە كالا گۆشىنى چۆكۈرۈپ يىيىش ئۈچۈن قىزىلمۇچ قىيامى تەييارلايمىز؛ چىنىگە 10 گىرام ئەتراپىدا سوقۇلغان قىزىلمۇچ، چانالغان سامساق، ئاق كۈنجۈتلەرنى سالىمىز.
     ئۇندىن كىيىن ، ئۈستىگە يېرىم چۈمۈچ قىزىتىلغان ماي قۇيىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا ئىشتىھانى ئاچىدىغان پۇراق تارقىتىدىغان قىزىلمۇچ قىيامى تەييار بولغان بولىدۇ.

-Step 4-
     ئاخىرىدا سۇغۇپ تەييار بولغان كالا گۆشىنى نىپىز ياپراقچە شەكلىدە توغرايمىز؛ توغراپ بولغاندىن كىيىن، ئالدىدا تەييارلىغان قىزىلمۇچ قىيامى بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

-Step 5-
     كالا گۆشىنى توك قازىنىدىن ئېلىپ، تۇلۇق سۇۋۇتقاندىن كىيىن ئاندىن توغراڭ، بولمىسا گۆش ئاسانلا ئۇۋۇلۇپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号