ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشلۇك سوغوق سەيلەر
قانچە يىسىڭىزمۇ سەمىرتمەيدىغان ئۇششاق يىمەكلىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن كۆپچىلىككە ساغلام ھەم تۆۋەن ياغ تەركىبلىك ئۇششاق يىمەكلىك—قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغان توخۇ تۆش گۆشى قەلەمچىسى تۇنۇشتۇرىمىز. بۇ تائامنى ئۇششاق يىمەكلىك ئورنىدا يىيىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئاقسىل تولۇقلاپلا قالماي، سىزنى ئازراقمۇ سەمىرتىپ قويمايدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
     توخۇ تۆش گۆشى، زەنجىۋىل، غول پىياز
تېتىتقۇ خۇرۇچلىرى:
     زەيتۇن يېغى، تۇز، قارىمۇچ، تېتىتقۇ ھارىقى، پەمىدۇر قىيامى

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-Step 1-
توخۇ تۆش گۆشىنى قازاندىكى سوغۇق سۇغا سالىمىز
قازانغا يەنە بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى قوشۇپ، زەنجىۋىل ۋە غول پىيازلارنى سالىمىز.
ئوت يېقىپ چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، يېغىلغان موزىلىرىنى سۈزۈۋىتىپ، كىچىك ئوتقا يۆتكەپ 10 مىنۇت قاينىتىمىز.
قاينىتىپ بولغاندىن كىيىن، توخۇ گۆشىنى سۈزۈۋىلىپ، سوغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ بۇنىڭدا توخۇ گۆشى قۇرۇپ قېتىۋالمايدۇ.
-Step 2-
توخۇ گۆشى سۇۋىغاندىن كىيىن، گۆش سىزىقچىلىرىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە قولىمىزدا تىتىپ قەلەمچە ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
توخۇ گۆشى قەلەمچىسىگە بىر قوشۇق زەيتۇن يېغى، يېرىم قوشۇق تۇز، 2 قوشۇق قارامۇچ، ئاخىرىدا بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامى قوشىمىز.
تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن، 10 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
-Step 3-
تۇزلاپ تەييار قىلغان توخۇ گۆشىنى دوخوپكىغا سېلىپ، ئاستى-ئۈستى ئوتتا 170سىلتسىيە گىرادوسقا تەڭشەپ، 25 مىنۇت قاقلايمىز.
دوخوپكىدا قاقلاش ۋاقىت 15مىنۇت بولغاندا، توخۇ گۆشىنى ئېلىپ بىر ئارىلاشتۇرۋىتىمىز.
     ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، يەنە ئۇلاپ 10 مىنۇت قاقلايمىز؛ ۋاقىت توشقاندىن كىيىن قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغان توخۇ تۆش گۆشى قەلەمچىسى تەييار بولغان بولىدۇ.
-Step 4-
    قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغان توخۇ تۆش گۆشى قەلەمچىسى، يۇقىرى ئاقىسىل تۆۋەن ياغلىق يىمەكلىك بولۇپ، تەملىك ھەم ساغلام؛ بۇنى يىگەندە سەمىرىپ قېلىشتىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号