ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » پىشۇرۇقلار
ئۆزى چۈرۈك ھەم تەملىك بولغان تۇرۇپ كومىلىچى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-15كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، "بىر يىسىڭىز ئۇنتىيالمايسىز" يۈرۈشلۈك تائاملىرىدىن تۇرۇپ كومىلىچى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    قىزىل تۇرۇپ، تۇخۇم، كىراخمال، ئۇن، كۆكپىياز، تۇز، قارىمۇچ
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    قىزىل تۇرۇپنى ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ، ئازراق تۇز قوشۇپ 20مىنۇت ئەتراپىدا تۇزلىغاندىن كىيىن، ئارتۇق سۇ تەركىبىنى سىقىپ چىقىرۋىتىمىز.
Step 2
    كۆكپىيازنى ئۇششاق چانالما ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
Step 3
    ئازراق كىراخمال ۋە ئۇن تەييارلاپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز
Step 4
    تۇخۇم، تۇز، قارىمۇچ، ئۇن ۋە كىراخماللارنىڭ ھەممىنى تۇرۇپ قەلەمچىسىگە قوشىمىز.
Step 5
    چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.(ئۇننى بەك كۆپ قوشۇۋەتمەڭ، تۇرۇپ قەلەمچىسىنىڭ يۈزىگە نىپىز بىر قەۋەت يېپىشقۇدەك بولسىلا بولىدۇ)
Step 6
    چوكىدا تۇتۇپ ئالماپ ياكى قولىمىزدا ئازراقتىن مىجىپ، تۇرۇپ قەلەمچىلىرىنى مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىكتىكى كومۇلاچ ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
Step 7
    قازانغا ماي قۇيۇپ يېرىم قىزىتقاندىن كىيى، كومىلاچنى مايغا سېلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا سېرىق كۈيۈك رەڭگىگە كەلگۈچە داغلايمىز.
Step 8
    داغلاپ تەييار قىلغان تۇرۇپ كومىلىچىنى، پەمىدۇر قىيامى بىلەن قوشۇپ يىسەك تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号