ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » پىشۇرۇقلار
پالەك بىلەن تۇخۇمدىن تەييارلانغان قۇۋۋەت ناشتىلىقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-05 كۆرۈلىشى : قېتىم

   تۇخۇمنى داغلاپ پىشۇرساق بەك مايلىق بولۇپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، تەملىك بولغان پالەك تۇخۇم تورتى ناشتىلىقىنى تەييارلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە، قانچىكى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇزۇقلۇقى شۇنچە مول بولىدۇ. مەسىلەن پالەكنى مىسالغا ئالساق، پالەك تەركىبىدە كاروتىن، ۋىتامىنC، مىنرالنى ماددىلار قاتارلىق كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار. شۇڭا، ئەڭ ياخشى ماسلىشدىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بولغان تۇخۇم بىلەن پالەكتىن ناشتىلىق تەييارلىساق، تەملىك ھەم تەييارلىماق ئاسان بولۇش بىلەن بىرگە، بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: پالەك 100گىرام، تۆت تۇخۇم، غولپىياز مايسىسى، تۇز، كىراخمال، خاسىڭ مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن، پالەكنى ئاقلاپ يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، قازاندا ئازراق سۇ قاينىتىپ، پالەكنى سېلىپ بىر مىنۇت قاينىتىپ ئالىمىز ھەمدە سۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن سوغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز.
تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ قوچۇيمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق توغرايمىز؛ پالەكنىڭ سۈيىنى سىقىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىمۇ ئۇششاق توغرايمىز.
توغرالغان پالەكنى قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇم سۇيۇقلۇقىغا قوشۇپ، ئۈستىگە يەنە ئازراق كىراخمال ۋە غولپىياز مايسىسى قوشىمىز.
تەكشى قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز ۋە ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز.
يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا چىداملىق ئەينەك قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، ئىچكى يۈزىنى ئىستېمال مېيىدا مايلايمىز؛
ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان تۇخۇم پالەك سۇيۇقلۇقىنى ئەينەك قاچا ئىچىگە قۇيىمىز؛
قاچىنىڭ ئېغىزىنى يېڭى ساقلاش پىلاستىرى بىلەن ئورايمىز.
دۈملەش قازىنىدا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز؛ قازاندىن ھور ئۆرلەشكە باشلىغاندا، پالەك تۇخۇم سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان ئەينەك قاچىنى سېلىپ، 18مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.
دۈملىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى پالەك تۇخۇم سۇيۇقلۇقى، پالەك تۇخۇم تورتىغا ئايلىنىدۇ.
پىشىپ تەييار بولغان پالەك تۇخۇم تورتىنى ئېلىپ، كىسىپ تەخسىگە ئالساقلا بولىدۇ.
بۇ خىل تورت، يېڭىچە بىر خىل ناشتىلىق بولۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان قىياملار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号