ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » پىشۇرۇقلار
جىڭجىڭگوغا تۇخۇم قوشۇلسا كاۋاپنىمۇ ئۇنتۇيسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-20 كۆرۈلىشى : قېتىم

   جىڭجىڭگو(يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك) تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل زەمبۇرۇغ تىپىدىكى يېمەكلىك بولۇپ، ئادەتتە كۆپرەك سۇغۇق تەملەشتۈرۈپ ياكى خوگودا ئىستىمال قىلىنىدۇ. بۈگۈن بولسا، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە جىڭجىڭگونىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كېتەرلىك ماتېرىيال: جىڭجىڭگو، تۇخۇم، ئۇن، كىراخمال، تۇز، زىرە تالقىنى، مۇچ تالقىنى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. جىڭجىڭگونى يىلتىز قىسمىنى كىسىۋىتىپ، قولىمىزدا ئاجرىتىپ كىچىك كىچىك تۇتام ھالىتىگە ئەكىلىمىز ھەمدە پاكىزە يۇغاندىن كېيىن سۈيىنى ساقىتىۋىتىپ قويۇپ قويىمىز.
   2. تۇخۇمنى چېقىپ قوچىغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئازراق ئۇن ۋە كىراخمال قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   3. تەييار قىلغان جىڭجىڭگونى سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت تۇخۇم ئۇن ۋە كىراخمال ئارىلاشمىسى يېپىشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت ئۇن يېپىشتۇرىمىز.
   4. قازان ئېسىپ ماي قىزىتىپ، جىڭجىڭگونى سېلىپ داغلايمىز.
   5. جىڭجىڭگونى داغلاپ سارغايغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىپ، يۈزىگە يېپىشىۋالغان ماينى تولۇق ساقىتىۋىتىمىز.
   6. قازاندىكى ماينى قايتا قىزىتىپ، ئالدىدا داغلاپ سۈزۈۋالغان جىڭجىڭگونى قايتا سېلىپ ئىككىنچى قېتىم داغلايمىز.(داغلانغان جىڭجىڭگو چۈرۈش چىقامدۇ يوق، ئىككىنچى قېتىملىق داغلاش ئىنتايىن مۇھىم.)
   7. ئىككىنچى قېتىم داغلانغان جىڭجىڭگونى سۈزۈپ ئېلىپ، سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت زىرە تالقىنى ۋە مۇچ تالقىنى سېپىۋىتىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号