ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » پىشۇرۇقلار
تۇخۇم تەملىك كىچىك موما پىشۇرۇشنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئائىلىدە شاكىچىك بار بولسا، ئۇششاق يېمەكلىكلەر كەم قالسا بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا سىرتتىن ئۇششاق يېمەكلىك سېتىۋالغاندىن، ئۆيدە ئۆزىمىز تەييارلىساق، تېخىمۇ پاكىزە چىقىدۇ، بىزمۇ خاتىرجەم بولالايمىز. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇخۇم تەملىك ئۇششاق تۈرۈم پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: ئىككى تال تۇخۇم، 40 گىرام ئاق شېكەر، 50 گىرام تۆۋەن تالالىق ئۇن، 100گىرام قوناق كىراخمالى، 35گىرام سۈت پاراشوكى، 35گىرام قوناق مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، ئالدى بىلەن سۇ ۋە ماي يۇقى بولمىغان قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، تۇخۇمنى قاچىغا چاقىمىز، بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئاق شىكەر قوشۇپ، ئازراق كۆپۈكچە پەيدا بولغۇچىلىك قوچۇيمىز ھەمدە ئاق شېكەر پۈتۈنلەي ئىرىگەن ھالەتكە ئەكىلىمىز. كەينىدىن تۆۋەن تالالىق ئۇن بىلەن قوناق كىراخمالىنى قوشىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە،  مۇۋاپىق مىقداردا سۈت پاراشوكى قوشۇپ، كۆممىقوناق مېيىنى بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ قوشىمىز ھەمدە ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛ خېمىرنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ 30 مىنۇت قويىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، 30 مىنۇت توشقاندىن كېيىن خېمىرنى ئېلىپ، خېمىرنى كىسىپ لەغمەن جىزىسىغا ئوخشاش جىزا قىلىمىز، كەينىدىن ئۇششاق قىلىپ رەسىمدىكىدەك كىچىك تىپتىكى موما تەييارلىۋالىمىز.
   تۆتىنچە قەدەمدە، كىچىك مومىلارنى ماي قەغەز ياتقۇزۇپ تەييارلىغان دوخوپكا تەخسىسىگە تىزىپ چىقىمىز؛ دوخوپكىنى 150 گىرادوستا ئالدىن قىزىتىمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، دوخوپكا قىزىپ تەييار بولغاندىن كېيىن، كىچىك موما تىزىلغان تەخسىنى سېلىپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاقلاپ پىشۇرۇپ، پىشقاندىن كېيىن سۇۋۇتۇپ ئىستېمال قىلساقلا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号