ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » پىشۇرۇقلار
پالەكنىڭ ئەڭ ياخشى يىيىش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   باھار يىتىپ كىلىشى بىلەن، ھەر خىل كۆكتاتلار بازارغا چىقىشقا باشلىدى؛ شۇڭا ھازىرقىدەك ئالاھىدە مەزگىلدە، يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، ئىممونت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم. بۈگۈن كۆكچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پالەكنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى—پالەك قاتلىمىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. پالەكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەركىبىدە ۋىتامىنلار ۋە تالا ماددىلىرى كۆپ؛ شۇڭا پالەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: ئۇن، پالەك، تۇخۇم، سەۋزە، پىنتوزا(تاتلىق ياڭيۇ پىنتوزىسى)، تۇز، ئىستېمال مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن پىنتوزىنى سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ كەينىدىن داسقا بىر چىنە ئۇن ئېلىپ، بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ خېمىر يۇغۇرىمىز؛ خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە يېڭى ساقلاش پىلاستىرى يېپىپ، ئون مىنۇت قويۇپ تىنىتىمىز.
   پالەكنى پاكىزە يۇيۇپ، بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ سەۋزىنى پوستىنى ئاقلىۋىتىپ، ئۇششاق چاناپ توغرايمىز. قازاندا سۇ قاينىتىپ، بىر قوشۇق تۇز ۋە ئازراق ئىستېمال مېيى قۇيۇپ، پالەكنى سېلىپ بىر مىنۇت قاينىتىپ ئالغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋالىمىز. سۇغا چىلاپ يۇمشاتقان پىنتوزىنى ئۇششاق توغراپ داسقا سالىمىز، ئۈستىگە پالەك بىلەن سەۋزىنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كەينىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال مېيى ۋە تۇز قوشۇپ داۋاملىق ئارىلاشتۇرىمىز.
   خېمىرنى ئېلىپ، تاختىغا ئازراق ئۇن سېپىۋەتكەندىن كېيىن، خېمىرنى ئوخشاش چوڭلۇقتا بۆلۈپ، قايتا يۇمىلاقلىغاندىن كېيىن، يايغۇ بىلەن يېىپ چوڭراق جىلتە تەييارلايمىز؛ جىلتىنىڭ قېلىنلىقى ۋە چوڭلۇقى جۇۋاۋا جىلتىسى بىلەن ئوخشاش بولسا ياكى چوڭراق بولسا بولىدۇ.
   جىلتىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا قىيما (پالەك، سەۋزە، پىنتوزا) ئېلىپ جىلتىنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىلتىمىز؛ كەينىدىن قىيمىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنى ئازراق بوشىتىپ تۇخۇمدىن بىرنى چاقىمىز؛ ئاخىرىدا يەنە بىر جىلتىنى ئۈستىگە يېپىپ، يان گىرۋەكلىرىنى قولىمىزدا بېسىپ ھىمداپ، ئېقىپ چىقىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

   ئاستى تۈز قازاننى قىزىتىپ، ئازراق ماي قۇيۇپ قازاننىڭ تەگ قىسىمىنى مايلايمىز. تەييار قىلغان قاتلىمىنى سېلىپ تۇۋاقنى يېپىپ ئىككى مىنۇت داغلاپ پىشۇرىمىز؛ ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈپ يەنە ئىككى مىنۇت داۋاملىق داغلاپ پىشۇرىمىز. ھەر ئىككى يۈزى سارغىيىپ پىشقاندىن كېيىن قازاندىن ئالساق بولىدۇ.

   داغلاپ بولغان قاتلىمىنى ئازراق سۇۋۇتقاندىن كېيىن، كىسىپ پارچىلاپ يىيىشنى باشلىساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号