ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » پىشۇرۇقلار
سۇلۇ بىلەن ياڭاقنى قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز تېرىڭىز يۇمران بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-04-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سۇلۇ(燕麦) بىلەن ياڭاقنى قوشۇپ ئىستېمال قىلساق، 40 ياشتىن ئاشقاندىمۇ تېرىمىز ئېلاستىكىلىقىنى يوقاتمايدۇ، شۇڭا ئاياللار كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
   سۇلۇنىڭ ئاقسىل تەركىبى مول، ئاقسىل پارچىلىنىشتىن كېيىن شەكىللەنگەن ھاسىلاتلارنىڭ سۇغا ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولۇپ، سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈپ، تېرىنىڭ سۇ تەركىبلىرىنى قۇلۇپلاپ ساقلىشىغا ياردەم قىلىدۇ ھەمدە سۇ تەركىبلىرىنىڭ خوراپ يوقاپ كېتىشىدىن ۋە تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. سۇلۇ يەنە كوللاگىننىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، تېرىنى سىيلىق ھەم نۇرلۇق، چىڭ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا رەڭ ماددىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ، تېرىنى بارغانسېرى ئاق قىلىدۇ. ياڭاق تەركىبىدە بولسا ۋىتامىن E مول بولۇپ، تېرىگە نەملىك يەتكۈزۈش، چاچ قارايتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تېرىنى پاقىراق قىلىپ، تېرە ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، سۇلۇ ياڭاق بولكىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى سۇندۇم، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم-قىزلار تەييارلاپ دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز، تېرىڭىزنىڭ ياش ھالىتىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: 160 گىرام سۇلۇ، 90 گىرام سېرىق ماي، 45 گىرام ياڭاق، 25گىرام كىشمىش، 20 گىرام قارا شېكەر، 40 گىرام ئاق شېكەر، 30 گىرام ھەسەل، 45 گىرام تۆۋەن تالالىق ئۇن(低筋面粉)، 20 گىرام كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ياڭاقنى چېقىپ مېغىزىنى ئالىمىز.
   ياڭاق مېغىزىنى توغراپ ياكى ئىزىپ سوقۇپ، دوخوپكىغا سېلىپ 170 گىرادوستا 4 مىنۇت قاقلايمىز، سارغىيىپ تەملىك پۇراق چىقسىلا بولىدۇ.
   باشقا كېتەرلىك ماتېرىياللارنى تەييارلىۋالىمىز؛ قارا كۈنجۈتنى ئالدىنئالا قورۇپ پىشۇرۋالىمىز.
   سۇلۇ، كىشمىش، ياڭاق مېغىزى، قارا كۈنجۈت ۋە ئۇن قاتارلىقلارنى چوڭراق قاچىدىن بىرگە سالىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. ئەگەر خالىسىڭىز كىشمىشنى ئۇششاق توغرىۋالغاندىن كېيىن قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
   قارا شېكەر بىلەن ئاق شېكەرنى، ئالدىدا دېيىلگەن مىقدار بويىچە تەييارلاپ قويىمىز.
   سېرىق ماي سېلىنغا قاچىنى قايناقسۇغا چىلاپ، قاچا ئىچىدىكى سېرىقماينى ئىرىتىمىز.
   سېرىق ماي ئۈستىگە قارا شېكەر، ئاق شېكەر، ھەسەل قوشىمىز.
   قوچۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، سېرىق ماي بىلەن ئاق ۋە قارا شېكەر، ھەسەللەرنى تولۇق ئارىلاشتۇرىمىز.
   كەينىدىن ئالدىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان سۇلۇ، ياڭاق قاتارلىق قۇرغاق يېمەكلىكلەرنى سېرىق ماي ئۈستىگە قوشىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قۇرغاق ماتېرىياللار بىلەن سېرىق ماي سۇيۇقلۇقىنى تولۇق ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان يېمەكلىك ماتېرىيالىنى، پالپال قەغەز ياتقۇزۇلغان دوخوپكا تەخسىسى ئۈستىگە تۆكۈپ، قوشۇقنىڭ كەينى تەرىپى بىلەن بېسىپ چىڭدايمىز.(ماتېرىياللار نىسبەتەن قۇرغاق بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇشۇقتا بېسىپ چىڭدىساق، ئاندىن بىر-بىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان بولىدۇ)
   دوخوپكىنى 180 گىرادوسقا تەڭشەپ ئالدىن قىزىتىۋالىمىز؛ تەخسىنى ئوتتۇرا قەۋەتكە سېلىپ، ئاستى-ئۈستى 180 گىرادوسلۇق ئوتتا 25 مىنۇت ئەتراپىدا قاقلاپ پىشۇرىمىز.
   يېڭىدىن پىشقان سۇلۇ ياڭاق بولكىسى ناھايىتى يۇمشاق كېلىدۇ، پۈتۈنلەي سۇۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن قاتىدۇ؛ قاتقاندىن كېيىن كىسىپ پارچىلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号