خام ماتىرياللار: تۆت چىنە ئاق ئۇن، 5 جىڭ سۇ ماي، سۇ
خۇرۇچلار:تۇز،ياغ،كۈنجۇت
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. ئالدى بىلەن پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ تەمى چىققۇچە قاينىتىپ، ئاخىرىدا سۈزۈلدۈرۈپ سوۋۇتىمىز، بىر چىنە سۇ ماينى قىزىتىپ چۈچۈتۈپ ئۇنىمۇ سوۋۇتىمىز.
2. ئاق ئۇنغا تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ ۋە سوۋۇتۇلغان سۇ ماينى قۇيۇپ (تۆت چىنە ئۇنغا بىر چىنە ماي قۇيۇلسا بولىدۇ)، سوۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز؛ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ ئالما چوڭلۇقىدا ئۈزۈپ يۇمۇلاقلاپ، ھەر بىر زۇۋۇلىنى مايلاپ يەنە 15 - 20 مىنۇت تىندۇرىمىز.
3. ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ تىنغان زۇۋۇلىنى ئىنچىكە ئىشىپ پىلتە قىلغاندىن كېيىن، ئىككى تال چوكىغا ئېلىپ، 7-8 ئۈلۈش قىزىتىلغان ياغدا ئاۋايلاپ پۇشۇرىمىز.
ئەسكەرتىش
1. ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا، بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ، چوكىنى تارتىپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.
2. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالساق بۇلىدۇ، پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك.
3. ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم؛ ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا، ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام، تېشى كۆيۈك چىقىدۇ (ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر-ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم، ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا، قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ).
ئالاھىدىلىگى
شەكلى كۆركەم، چۈرۈك ھەم مەززىلىك بولغان ئەنئەنىۋىي گېزەكلەرنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ، كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ. رەڭگى سېرىق، تەملىك، چۈرۈك؛ ھېيتلىق داستىخېنىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى بولالايدۇ
تەبىئىتى
قۇرۇق ئىسسىق
گىرىس ئەسلىدە چىرايى گۈزەل ھەم جايىدا كەلگەن بىر قىز ئىدى؛ ئەمما ئۇ ئۆزىنى زىرەكچاققا (精灵) ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا قارىتا ھۆسىن تۈزەش ئو
ئادەمنى بەك ئېچىندۇرىدۇ! تۈنۈگۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرىدە، يەنە بىر قېتىملىق تىراگىدىيە يۈز بىرىپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغىرىقى چالدى!
ئۇ ئىككى يوتىسىنىڭ ئارىسىغا بىر تاۋۇزنى قىسىپ تۇرۇپ، يوتىسىنىڭ قىسىش كۈچىگە تايىنىپ تاۋۇزنى يېرىلدۇرۋەتكەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ بۇ ئۇسۇلدا بىر مىنۇتتا 12تا
ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.
ھازىر پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ، كىچىك بالىلارنىڭ قولىدىمۇ ئاساسى جەھەتتىن بىرەردىن ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار بار؛ ھەتتا بەزىبىر يەسلى يېشىغا توشمىغان بوۋاقلار
ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ھەر ئايدا چې
ياش پەرقى مەسىلە ئەمەس، بوي ئېگىزلىك پەرقى ئارىلىق ئەمەس؛ رايون ئايرىمىسى سەۋەپ ئەمەس، بەدەن ئېغىرلىقى بېسىم ئەمەس؛ مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا، ھەرقانداق مەسىلە ئۆزلىگ
كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ. بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر رەسسام بار؛ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى كۆپىنچىس
بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇپ قېلىش كۈرۈلىشى مۇمكىن. ئەگ
ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللارنىڭ ئىرىنىڭ ئۆيىگە ياتلىق بولۇپ كىرگەندىن كىيىن قېيىنئانىسىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى، قېيىنئانىسىنىڭ ئۇنى ئۆز ئادەم قاتارىد
تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1 新公网安备 65010202000516号