ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » چىلانغان سوغاق سەيلەر
تاماققا قوشۇشقا گۆشتىن بەكرەك ماس كىلىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز يەپ بېقىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە قىياملىق كۆكمۇچ تۇنۇشتۇرىمىز. يىڭى كۆكمۇچنى ھىم ئىتىلىدىغان قاچا بىلەن بىر ھەپتە قويۇپ تۇزلىساق، ئىنتايىن چۈرۈك ھەم تەملىك يىمەكلىك تەييار بولىدىغان بولۇپ، گۈرۈچ ئېشىغا قوشۇپ يىيىشكە ماس كىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    كۆكمۇچ، تۇز، سامساق، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى،
كىتەرلىك ئاشخانا سايمانلىرى
    ئېغىزى ھىم ئىتىلىدىغان ئەينەك قاچا، پىلاستىر پەلەي
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    كۆكمۇچنى سۇغا چىلاپ پاكىزە يۇيىمىز.
    يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن تاختا ئۈستىگە يېيىپ، يۈز قىسمىدىكى سۇنى پاكىز قۇرىتىمىز.
Step 2
    سۈيى قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، كۆكمۇچنىڭ بېغىچىنى كىسىپ ئېلىۋىتىمىز.
Step 3
    كۆكمۇچنى چوڭراق قاچىدىن بىرگە سالىمىز.
    ئۈستىگە تۇزنى كۆپرەك سېپىمىز.
    قولىمىزدا كۆكمۇچنى يىنىك ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىمىز.
Step 4
    ئېغىزى ھىم ئىتىلىدىغان قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، ئىچىگە ئالدى بىلەن بىر قەۋەت كۆكمۇچ سالىمىز.
    كەينىدىن، ئۈستىگە نەچچە چىش سامساق سالىمىز.
    بىر قەۋەت كۆكمۇچ، بىر قەۋەت سامساق سالغان ھالەتتە قاچىنى توشقۇزىمىز.
Step 5
    قاچىدىكى كۆكمۇچ پۈتۈنلەي چىلاشقۇچىلىك شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قۇيىمىز.
    قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، بىر ھەپتە قويغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
Step 6
    تەييار بولغان قىياملىق كۆكمۇچنىڭ سىرتقى تىرىلىرى سارغۇچ يىشىل رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، قىيام پۇرىقى كۈچلۈك، تۇزلۇق ئەمما تېتىشلىق بولىدۇ؛ شورۋىگۈرۈچ بىلەن ياكى گۈرۈچ ئېشى بىلەن ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号