ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » چىلانغان سوغاق سەيلەر
ئاچچىق-چۈچۈك تەييارلانغان كۆك تۇرۇپ قېقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاچچىق چۈچۈك ھەم چۈرۈك بولغان، شۇنداقلا مىفەنگە قوشۇپ يىسىمۇ بەك تېتىيدىغان بىر خىل سۇغۇق سەي—ئاچچىق-چۈچۈك تۇرۇپ قېقىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    كۆك تۇرۇپ، مۇچ سوقمىسى، شاكال بەدىيان، شاڭيې(香叶، قوغۇنگۈل يۇپۇرمىقى)، قوۋزاق دارچىن
خۇرۇچ ماتىريالى
    تۇز، ئاق كۈنجۈت، ئىستىمال مېيى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    كۆك تۇرۇپتىن بىرنى ئاقلاپ يۇغاندىن كىيىن، بىر سانتىمىتىر كەڭلىكتە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛
    ئىككى قوشۇق تۇز قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز
    يېرىم سائەت تۇزلاپ، تۇرۇپنىڭ سۈيىنى چىقىرىمىز؛
Step 2
    قولىمىزدا تۇرۇپنىڭ سۈيىنى سىقىپ، ئۇنىڭدىكى ئاچچىق ۋە چۈچۈمەل تەمنى چىقىرۋىتىمىز.
    قۇياش نۇرى ئاستىدا تەكشى تىزىپ ئاپتاپقا بەش سائەت قاقلايمىز؛ بۇ ۋاقىتتا، تۇرۇپنىڭ سىرتقى يۈز تىرىسى قۇرۇپ، قاق ھالىتىگە كىلىدۇ.
Step 3
   تۇرۇپ قەلەمچىسىنى چوڭ بىر چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق مۇچ ئۇنى، بىر سىقىم ئاق كۈنجۈت قوشىمىز.
   بۇ ۋاقىتتا قازاندا ماي قىزىتىپ، شاكال بەدىيان، شاڭيې ۋە قوۋزاق داچىننى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛
   قىزىغان ماينى تۇرۇپ قەلەمچىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتسەكلا تەييار بولغان بولىدۇ.
Step 4

   قۇياش نۇرىغا قاقلاش شارائىتى يوق دوستلار، پار ئۈستىگە ياكى دوخوپكىنىڭ تۆۋەن تىمپىراتۇرلۇق قىزىغىدا قاقلىسا بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号