ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » چىلانغان سوغاق سەيلەر
تەملىك چىلىغان كۆكتات تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-03 كۆرۈلىشى : قېتىم

    ياز كۈنلىرىدە، تاماق يىگەندە يىڭىچە تەمدىكى چىلىغان كۆكتات قوشۇپ يىسىڭىز، سىزگە باشقىچە تېتىشلىق تۇيىلىدۇ. تۆۋەندە بىز تەييارلىنىشى ئاددى ئەمما تەمى ياخشى كەلگەن بىر خىل چىلىغان كۆكتات تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

1.jpg

 كىتەرلىك ماتىريال:

   ھېسىۋىلەك، سامساق، يىڭى سوڭپىياز، تۇرۇپ، تۇز زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاق شىكەر

2.jpg

 تەييارلاش ئۇسۇلى:

1.  ھېسىۋىلەكنى يۇيۇپ پاكىزىلاپ، توغراپ ئارلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان داسقا سالىمىز. كەينىدىن ئۈستىگە ئىككى قوشۇق تۇز تۆكۈپ، قولىمىزغا پىلاستىر پەلەي كىيىپ تۇرۇپ،  تۇزنى ھېسىۋىلەك ئۈستىدە يىنىك بېسىپ بىرىمىز. داسقا ھېسىۋىلەك پۈتۈنلەي چۆكەشكىچىلىك سۇ قۇيىمىز؛ (   ھېسىۋىلەكنىڭ ئۈستىگە تەخسىدىن بىر نى قويۇپ بېسىپ بىرىشىمىز كىرەك) ؛  مۇشۇ ھالەتتە 3 سائەتتىن ئارتۇق قويىمىز، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاخشام قويۇپ قويۇش كىرەك؛ بۇ جەرياندا بەسەينى ئىككى ئۈچ قېتىم ئۆرپ مالتىلاپ بىرىش كىرەك.

3.jpg

2.  تۇزلاپ تەييار قىلغان ھېسىۋىلەكنى ئۆتكۈزگۈچكە سېلىپ، سۇدا چايقايمىز؛ چايقاپ بولغاندىن كىيىن، ئۆتكۈزگۈچ تورى بىلەن ھېسىۋىلەكنى ئېلىپ بىر ياندا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قۇرىتىمىز.

3.  پىيالىگە شىكەر ۋە قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ، ئۇنىڭغا بىر قۇشۇق سۇ قۇيۇپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلگىچىلىك قوچۇيمىز؛ يەنە بىر چىنە تەييارلاپ، ئىككى ئىستاكان سۇ ۋە بىر قوشۇق تۇزنى تەڭشەپ، ئېشلىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويىمىز.

4.  تۇرۇپ، زەنجىۋىل، سوڭپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىكتە توغراپ، ھېسىۋىلەك بىلەن بىللە، ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان داسقا سېلىپ، ئالدىدا تەييار قىلىۋالغان قىيامنى ئۈستىگە قۇيىمىز. ھەمدە قىيامنى كۆكتاتلارنىڭ يۈزىگە تەكشى سۇۋايمىز

     5.  تەييار بولغان چىلانغان كۆكتاتنى باشقا قاچىغا سېلىپ، 3- باسقۇچتا تەييار قىلغان تۇز سۈيىنى ئۈستىگە قۇيىمىز ھەمدە قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، سىرتتا كۈن نۇرۇ چۈشىدىغان جايدا بىۋاستە 24 سائەت ئاپتاپقا سالىمىز؛ 24 سائەتتىن كىيىن قاچىنىڭ ئېغىزىنى ئاچساق، ئازراق پۇراپ   قالغاندەك پۇراق چىقسا، كۆكتاتنى توڭلاتقۇغا يۆتكەپ، يەيدىغان ۋاقىتتا توڭلاتقۇدىن ئېلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

4.jpg

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • تاۋۇز (西瓜)

    تاۋۇز (西瓜)

    تاۋۇز بىر يىللىق پىلەكلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، مىۋىسى ئىللىپىس شەكىلدە، ئېتى كۆپ ھەم شەربەتلىك؛ ئىچىدە قارا ياكى قىزىل رەڭلىك ئۇرۇقلىرى بار، سىرتقى يۈزى سىيلىق ھەم ھەر

  • شاپتۇل(桃)

    شاپتۇل(桃)

    شاپتۇل ئۆسۈملۈك مىۋىسىگە تەۋ، ئېتى شەربەتلىك كىلىدۇ، دەرەختىن ئۈزۈپ خام پېتى يىيىشكە ياكى شاپتۇل قېقى، كونسىرۋا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

  • نەشپۈت(香梨)

    نەشپۈت(香梨)

    نەشپۈت، كۆك ئامۇتنىڭ(大头梨) يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، خۇشپۇرىقى كۈچلۈك، پوستى نېپىز، ئېتى يۇمران، شەربىتى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

  • قوغۇن (哈密瓜)

    قوغۇن (哈密瓜)

    قوغۇن، كەڭ ئۇچرايدىغان يازلىق مىۋىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، شېكەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 21 پىرسەنتكە يىتىدۇ.

  • شاتارى (栀子)

    شاتارى (栀子)

    شاتارى، جۇڭيى تىبابەت دورا ئىسىمى بولۇپ، رويان ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شاتارىنىڭ مىۋىسىدۇر.

  • داغۇر (白芷)

    داغۇر (白芷)

    داغۇر، جۇڭيى تىبابىتى دورىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، كۈنلۈكسىمانلار ئەترىتى داڭگۇي ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. داغۇر ئاساسلىقى جۇڭيى تىبابىتىدە د

  • قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر، قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قەلەمپۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، غۇنچە يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

  • خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان، جۇڭگۇ تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشتا يەنە تەم تەڭشەش خۇرۇچ ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

  • پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق ئادەتتە لائۇر يۇپۇرمىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، لائۇر دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان يۇپۇرمىقى، ئادەتتە تۇرمۇشتا تائام تەييارلاشتا پۇراق ۋە تەم تەڭشىگ

  • ھەمراھلىق بولمىغان مۇھەببەت، نىمىگە ھىساب؟

    ھەمراھلىق بولمىغان مۇھەببەت، نىمىگە ھىساب؟

    شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号