ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » چىلانغان سوغاق سەيلەر
كۆكتاتنى بۇ ئۇسۇلدا چىلىسىڭىز، ئىشتىھانى ئاچىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    چىلىغان كۆكتات يىيىشنى ياخشى كۆرسەكمۇ، ئەمما تەييارلاش باسقۇچى بەك ئۇزۇن بولغانلىقتىن، بەزىدە قىلىشقا ئىرىنىپ قالىمىز؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە ، تەييار قىلىپ 24 سائەت ئىچىدە يىيىشكە بولىدىغان تەملىك بىر خىل چىلىغان كۆكتات تەييارلاش ئۇسۇلى ئېلىپ كەلدۇق!
كىتەرلىك ماتىريال:
     كاللەك بەسەي، سەۋزە، قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ، سوقۇلمىغان ئاق مۇچ، شىكەر، زەنجىۋىل، پۇراق يۇپۇرمىقى (香叶) ئۈچ تال، ئاق ئاچچىقسۇ، تۇز

 
تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. ئالدى بىلەن قازانغا قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ، پۇراق يۇپۇرمىقى، زەنجىۋىل، ئاقمۇچ، تۇز قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيىمىز.
    2. قازاندىكى سۇنى رەڭگى سارغايغۇچە چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز؛ سۇنىڭ رەڭگى سارغايغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، پۇراق يۇپۇرمىقى بىلەن ئاقمۇچنى سۈزۈۋىلىپ، قالغىنىنى سۇۋۇش ئۈچۈن قويۇپ قويىمىز.
    3. كاللەك بەسەينىڭ ئوتتۇرلىقىدىكى يۈرەك قىسمىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى قولىمىزدا تىتىپ پارچە-پارچە ھالەتكە ئەكەلگەندىن كىيىن، قايناپ تۇرغان سۇغا بىر سېلىپلا سۈزۈۋالساق بولىدۇ.
4. سەۋزىنى يانتۇ بۇرجەكلىك شەكىلدە توغراپ، ئۇنىمۇ قايناپ تۇرغان سۇغا بىر سېلىپلا سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
    5. كۆكتاتنى چىلاشتا ئىشلەتمەكچى بولغان قاچىغا ئالدىدا تەييار قىلغان چىلاش سۈيىنى قۇيۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شىكەر قوشىمىز.(ئادەتتىكى نورمال بىر تۈپ كاللەك بەسەي چىلاش ئۈچۈن 350گىرام ئەتراپىدىكى شىكەر ئىشلەتسەك مۇۋاپىق)
    6. ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قۇيىمىز. (ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئۆلچەم بويىچە 400مىللىلىتىر ئەتراپىدا ئاچچىقسۇ قوشۇلسا مۇۋاپىق)
7. تەكشى قوچۇپ ئارلاشتۇرۇپ بەرسەك، كۆكتاتنى چىلاش شەربىتى تەييار بولغان بولىدۇ.
    8. شەربەت تەييار بولغاندىن كىيىن، بىر قەۋەت كاللەك بەسەي بىر قەۋەت سەۋزە شەكلىدە كۆكتاتلارنى قاچىغا سالىمىز.( بۇ جەرياندا، سالغان كۆكتاتلارنى توختىماي بېسىپ چىڭداپ مېڭىشىڭىز كىرەك)
     9. كۆكتاتنى سېلىپ بولغاندىن كىيىن، قاچىنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم ئىتىپ، كۈن چۈشمەيدىغان يەردە قويىمىز؛ ئەگەر ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ قالسا، توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ھالەتتە بىر ئاخشام قويغاندىن كىيىن، ئىككىنچى كۈنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号