ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-28كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋزە چامغۇر بىلەن قوشۇپ قوساق تويغۇچە يەۋىلىشتىن ھەرگىز باش تارتىپ قالمايمىز. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    قوي گۆشى، چامغۇر، سەۋزە، چىلان، ئالقات، غولپىياز، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    ئىستىمال مېيى، تۇز، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، پۇرچاق بوتقىسى، زىرە تالقىنى، ئاق ھاراق

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
   چامغۇرنى ئاقلاپ يۇغاندىن كىيىن، ئۈچ بۇرجەك قىلىپ توغرايمىز.
   سەۋزىنىمۇ ئۈچ بۇرجەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.

   تەييارقىلغان غولپىيازنىڭ يېرىمىنى يانتۇ ھالەتتە توغرايمىز، قالغان يېرىمىنى بولسا ئۇزۇنچاق بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
Step 2
    قوي گۆشىنى قازاندىكى سۇغۇق سۇغا سېلىپ، ئوتنى ئېچىپ قاينىتىمىز.

 
    چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، يېغىلغان موزىلىرىنى ئېلىۋىتىپ، قوي گۆشىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
Step 3
    قورۇما قازىنىغا مۇۋاپىق مىقداردا ياغ قۇيۇپ، يانتۇ توغرالغان غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.

    كەينىدىن قوي گۆشىنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قورۇپ، قوي گۆشى يۈز قىسمىدىكى سۇنى پۈتۈنلەي قورۇپ تۈگىتىمىز.
    ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا قورۇغاندىن كىيىن، ئازراق ئاق ھاراق قۇيۇپ، يەنە نەچچە مالتىلاپ قورۇيمىز.
Step 4
    كەينىدىن قازانغا تۆت قوشۇق پۇرچاق بوتقىسى، بىر قوشۇق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قۇيىمىز.
    قوي گۆشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگىچە قورۇيمىز
   قازانغا قوي گۆشى چۆكۈشكىچىلىك قايناقسۇ قۇيىمىز ھەمدە ئۈستىگە قوۋزاق دارچىن، شاكال بەدىيان ۋە كاۋاۋىچىن سالىمىز.

   چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، 40مىنۇت قاينىتىمىز؛ ئەگەر يۇمشاقراق بولسۇن دىسىڭىز، ئۇزۇنراق قايناتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
Step 5

   40مىنۇت ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، قازانغا چامغۇر ۋە سەۋزىنى سېلىپ، چۈمۈچتە مالتىلاپ ئارىلاشتۇرۋىتىمىز.
    ئارقىدىن چىلان، ئالقات ۋە بۆلەك ھالىتىدە توغرالغان غولپىيازنى سالىمىز.
    تۇۋاقنى يېپىپ يەنە 15مىنۇت داۋاملىق قاينىتىمىز.
    15مىنۇت توشقاندىن كىيىن، ئازراق تۇز ۋە زىرە تالقىنى سېلىپ تەم تەڭشەيمىز.
    ئاخىرىدا ئۈستىگە ئازراق يۇمغاقسۈت تاشلىۋەتسەك، بۈگۈنكى قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى تەييار بولغان بولىدۇ.
Step 6

    يىگەن ۋاقىتتا، قوي گۆشىنى ئازراق يەۋالغاندىن كىيىن، شورپىسىغا چۆپ سېلىپ يىسەك ياكى مىفەن بىلەن قوشۇپ يىسەكمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号