ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
فىنتاڭ تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىتەرلىك ماتېرىيالى: قوي گۆشى، پىنتوزا، لەڭپۇڭ، شوخلا، پالەك، كىچىك قىزىلمۇچ، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاقمۇچ، چانالغان قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ
   تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن پىنتوزىنى قايناقسۇغا چىلاپ يۇمشىتىۋالىمىز؛ گۆشنى باش بارماق ئۇزۇنلۇقىدا چوڭراق قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ لەڭپۇڭنى قەنت چوڭلۇقىدا تۆت بۇرجەك پارچە قىلىپ توغرايمىز؛ شوخلا، غولپىياز، زەنجىۋىل، كىچىك قىزىلمۇچلارنى ئۇششاق توغرايمىز؛ سامساقنى ياپراقچە قىلىپ توغرايمىز؛ تۇرۇپنى رەسىمدىكىدەك نىپىز پارچە قىلىپ توغرايمىز.
   پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال توغرىغان گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز؛ ئازراق قورۇۋالغاندىن كېيىن، زەنجىۋىل، غولپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ غولپىياز ۋە گۆش قورۇلۇپ سارغايغاندىن كېيىن، ئازراق چانالغان قىزىلمۇچ قوشىمىز؛ تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز. كەينىدىن قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاۋۋال شوخلىنى سالىمىز، كەينىدىن لەڭپۇڭنى سالىمىز؛ ئازراق قايناتقاندىن كېيىن، پىنتوزىنى سالىمىز، كەينىدىن تۇرۇپنى سالىمىز، ئاخىرىدا پالەكنى سېلىپ قاينىتىپ ئۇسۇپ ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号