ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
مامكاپ (蒲公英)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مامكاپ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزى چەمبەرسىمان كۇنۇس شەكىللىك، سىرتقى يۈزى قوڭۇر رەڭلىك، ئازراق قۇلاشقان كېلىدۇ؛ يۇپۇرماقلىرىنىڭ يان گىرۋەكلىرىدە، بەزىدە ھەرىسىمان ياكى پەيسىمان يېرىقچىلار بار بولىدۇ. مامكاپ دۆلىتىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. مامكاپنى خام ئىستىمال قىلىشقا، قورۇما قورۇپ ياكى شورپا قاينىتىپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 蒲公英
   لاتىنچە ئىلمىي ئاتىلىشى: Taraxacum monglolicum Hand-Mazz.
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئاپېلسىن سېپى ئەترىتى—جۇخار گۈلى ئائىلىسى—مامكاپ ئۇرۇقدېشى
   ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   مامكاپ تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C ۋە كالى ماددىسى مول؛ يەنە تۆمۈر، كالتسىي، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B1، ماگنىي، ۋىتامىن B6، فولىن كىسلاتاسى ۋە مىس قاتارلىقلارمۇ بار. كونكرېتنى ئىلمىنت تەركىبى ئاساسلىقى سۇ بولۇپ، ھەر 60 گىرام مامكاپنىڭ %86 سۇ تەركىبى، 1.6گىرام ئاقسىل، 5.3 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تەخمىنەن 108.8 كىلو كالورىيە ئېنېرگىيە بار.
   دورىلىق قىممىتى
   مامكاپ تەركىبىدە، مامكارول، مامكاپ ماددىسى، خولىن، ئورگانىك كىسلاتا، جۇخار شېكىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار، تەبىئىتى سۇغۇق، تەمى ئازراق قىرتاق كېلىدۇ، كىچىك تەرەتنى ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى پەسەيتىش، خۇاڭدەننى قايتۇرۇش، ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار؛ ئادەتتە، ئىسسىق يەلنى ھەيدەش، چىش ئاغرىق، ھۆل ئىسسىقتىن بولغان خۇاڭدەن، جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغى، لىنبا بەز ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号