ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
سامساق سېرىقى (蒜黄)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-05 كۆرۈلىشى : قېتىم

   سامساق سېرىقى، سامساقنىڭ قاسراقلىق غولىنى قاراڭغۇ ھالەتتە يۇمشىتىپ يىتۈشتۈرگەن سامساق مايسىسى بولۇپ، يۇپۇرمىقى ئاچ سېرىق رەڭدە، تۈۋى قىسىمى يۇمران ھەم ئاق بولىدۇ، ئاچچىق تەمى قۇيۇق ئەمەس. سامساق سېرىقى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك تېرىپ يىتىشتۈرىدىغان ھەم ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات بولۇپ، تۇپراقسىز يىتىشتۈرۈلگەن سامساق سېرىقىنى، ھېچقانداق دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە خېمىيىلىك ئۇغۇت ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بىۋاستە يۇيۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 蒜黄
   تەۋەلىكى: گۈلسامساق ئائىلىسى پىياز ئۇرۇقدىشى
   رولى: باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   ئىشلىتىلىشى: ئىشتىھا ئېچىش ۋە ساغلاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق كۆكتات
   ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   سامساق سېرىقىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى سامساققا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى، بولۇپمۇ ۋىتامىن C تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر يۈز گىرام سامساق سېرىقى تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 86 مىللىگىرامغا، يىرىك تالا ماددىسى مىقدارى 1.2 گىرامغا يىتىدۇ.
   دورىلىق قىممىتى
   سامساق سېرىقى تەركىبىدىكى سامساق ماددىسىنىڭ باكتېرىيە يوقىتىش ۋە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، ھەمىشە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەننىڭ ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىپ، يۈرەك كېسەللىكى، تاجىسىمان ئارتېرىيە قان تومۇر نۆكچىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ؛ بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، راك كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساغلاملىق كۈتۈنۈش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، سامساق سېرىقى شىرنىسى، دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ قان قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号