ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
سۆسۈن مۇرچۇبا (紫背天葵)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-05 كۆرۈلىشى : قېتىم

    سۆسۈن مۇرچۇبا، كۆپ يىللىك كىچىك سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ جېجىياڭ، جىياڭشى، خۇنەن، فۇجىيەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خەينەن ۋە شىياڭگاڭ قاتارلىق جايلىرىدا كۆلەملەپ يىتىشتۈرۈلىدۇ. سۆسۈم مۇرچۇبا، ساغلاملىق ئۇزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئۆزگىچە تەم ئۇسلۇبىنى بىرگە مۇجەسسەملىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك كۆكتات، ئۇنى قورۇپ ئىستېمال قىلىشقا ياكى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
    خەنزۇچە ئاتىلىشى: 紫背天葵
    لاتىنچە ئاتىلىشى: Begonia fimbristipula Hance
    تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىكلەر سىنىپى—كاپۇستا ئەترىتى—تاشگۈل ئائىلىسى—تاشگۈل ئۇرۇقدىشى
   ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   ھەر يۈز گىرام سۆسۈن مۇرچۇبا تەركىبىدە، تەخمىنەن 12 كىلو كالورىيە ئېنېرگىيە، 1.9 گىرام ئاقسىل، 3.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 2.6 گىرام يېمەكلىك تالاسى، 24 مىكرو گىرام فولىن كىسلاتاسى، 4.1 مىكرو گىرام بىئو ماددىسى، 19 مىللىگىرام ناترىي، 72 مىللىگىرام ماگنىي، 31 مىللىگىرام فوسفور، 367 مىللىگىرام كالىي، 69 مىللىگىرام كالتسىي، 0.8 مىللىگىرام مانگان، 0.8 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.09 مىللىگىرام مىس، 0.37 مىللىگىرام سىنىك، 0.9 مىكروگىرام سېلىن، 308 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.05 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.08 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.27 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.08 مىللىگىرام ۋىتامىن B6، 3 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.2 مىللىگىرام ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار.
   دورىلىق قىممىتى
   سۆسۈن مۇرچۇبا ھەم ئىستېمال قىلىشقا ھەم دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۆكتات. ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر، ۋىتامىن A، فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەر ۋە ئىنىزىملاشتۇرغۇچى مانگان قاتارلىق ئىلمىنتلار مول بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار، بالىلار ۋە ياشانغانلارغا قارىتا بىر قەدەر ياخشى بولغان ساغلاملىق رولىنى ئوينايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号