ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
كاپۇستا (空心菜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-06 كۆرۈلىشى : قېتىم

   كاپۇستا، سوغۇققا چىدىمايدىغان كۆكتات بولۇپ، جەنۇپ تەرەپلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. كاپۇستىنى ئىستېمال قىلىشتىن باشقا دورا ئورنىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئىچىدىن ئىشلىتىش ئارقىلىق يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى داۋالاشقا بولىدۇ، سىرتتىن ئىشلەتكەندە بولسا سۆڭەك سۇنۇش، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىقلارنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 空心菜
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Ipomoea aquatic Forssk
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—پىدىگەن ئەترىتى—يۆگىمەچگۈل ئائىلىسى—تاتلىقياڭيۇ ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام كاپۇستا تەركىبىدە، تەخمىنەن 20 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 2.1 گىرام ئاقسىل، 0.2 گىرام ياغ، 0.1 گىرام يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 3.7 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1.9 گىرام يېمەكلىك تالا ماددىسى، 35 مىكروگىرام فولىن كىسلاتاسى، 122 مىللىگىرام ناترىي، 30 مىللىگىرام ماگنىي، 42 مىللىگىرام فوسفور، 284 مىللىگىرام كالىي، 54 مىللىگىرام كالتسىي، 1.3 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.16 مىللىگىرام سىنىك، 260 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.05 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.08 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.5 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.08 مىللىگىرام ۋىتامىن B6، 16 مىللىگىرام ۋىتامىن C  قاتارلىقلار بار.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   كاپۇستا ئىشقارلىق يېمەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالىي، خلور قاتارلىق سۇيۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەيدىغان ئىلمىنتلار بار، شۇڭا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۈچەي يولىنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيە توپىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. كاپۇستا تەركىبىدىكى نىكوتىنىك كىسلاتا، ۋىتامىن C قاتارلىق ماددىلار خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇرۇقلاشقا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. كاپۇستا تەركىبىدىكى يۇپۇرماق يېشىل ماددىسى بولسا چىشنى قۇرت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   بۇندىن باشقا، كاپۇستىنىڭ تەركىبىدىكى تالا ماددىسى بىر قەدەر مول بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىك تالا ماددىسى ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号