ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-07 كۆرۈلىشى : قېتىم

   گىلاس تۇرۇپ بىر خىل كىچىك تىپتىكى تۇرۇپ بولۇپ، سىرتقى شەكلى گىلاسقا ئوخشاش بولغاچقا گىلاس تۇرۇپ دەپ ئاتالغان. گىلاس تۇرۇپ ئېتى يۇمران، ئۆسۈشى تېز، سىرتقى شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، خام يىيىشكە ماس كېلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 樱桃萝卜
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Raphanus sativus L.var.radculus per
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئاق گۈللۈك ئوتياش ئەترىتى—كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسى—تۇرۇپ ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام گىلاس تۇرۇپ تەركىبىدە، تەخمىنەن 9 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 0.9 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 3 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 2 گىرام يېمەكلىك تالا ماددىسى، 80 مىكروگىرام فولىن كىسلاتاسى، 1.5 مىكروگىرام بىئو ماددىسى، 83 مىللىگىرام ناترىي، 15 مىللىگىرام ماگنىي، 23 مىللگىرام فوسفور، 202 مىللىگىرام كالىي، 18 مىللىگىرام كالتسىي، 0.06 مىللىگىرام مانگان، 0.4 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.01 مىللىگىرام مىس، 0.18 مىللىگىرام سىنىك، 0.3 مىكروگىرام سېلىن، 3 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.01 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.03 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.22 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.05 مىللىگىرام ۋىتامىن B6، 14 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   گىلاس تۇرۇپنى قورۇما قورۇپ، شورپا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئادەتتە كۆپرەك سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. گىلاس تۇرۇپنىڭ ئاشقازان ئۈچەينى قىمىرلىتىپ ئىشتىھانى ئېچىش ۋە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بەلغەمنى يوقىتىش، كىچىك تەرەت ھەيدەش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号