ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
ئاق قېرىنقولاق (银耳)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-08 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئاق قېرىنقولاق ئادەتتە كۈمۈش رەڭلىك قېرىنقولاق، قار قېرىنقولىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق ھەم ئاق، يېرىم سۈزۈك، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك كېلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 银耳
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Tremella fuciformis Berk
   ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى: White Tremella
   تەۋەلىكى: زەمبۇرۇغلار دۇنياسى—بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار تىپى—ئاق قېرىنقولاق سىنىپى—ئاق قېرىنقولاق ئەترىتى—ئاق قېرىنقولاق ئائىلىسى—ئاق قېرىنقولاق ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام ئاق قېرىنقولاق تەركىبىدە، تەخمىنەن 261 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 10 گىرام ئاقسىل، 1.4 گىرام ياغ، 0.5 گىرام تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، 0.6 گىرام يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 67.3 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 30.4 گىرام سۇدا ئىرىمەس تالا ماددىسى، 82 مىللىگىرام ناترىي، 54 مىللىگىرام ماگنىي، 369 مىللىگىرام فوسفور، 1588 مىللىگىرام كالىي، 36 مىللىگىرام كالتسىي، 0.17 مىللىگىرام مانگان، 4.1 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.08 مىللىگىرام مىس، 3.03 مىللىگىرام سىنىك، 3 مىكروگىرام سېلىن، 8مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.05 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.25 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 5.3 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 1.26 مىللىگىرام ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   ئاق قېرىنقولاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار. ئاق قېرىنقولاقنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى، قان ئايلىنىش سىستېمىسى ۋە يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىقلارنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号