ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
سودا (苏打粉)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-07 كۆرۈلىشى : قېتىم

   سودانىڭ خېمىيىلىك ئاتىلىشى ناترىي ھىدرو كاربونات بولۇپ، ئاق رەڭلىك كىرىستالسىمان پاراشوك ھالىتىدە، سېسىق پۇرىقى يوق، تەمى ئازراق تۇزلۇق، سۇدا ئاسان ئىرىيدۇ. قاتتىق ھالەتتىكى ناترىي ھىدرو كاربونات، 50 سىلتسىيە گىرادوستىن يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا تەدرىجىي ھالدا پارچىلىنىپ ناتېرى كاربونات، سۇ ۋە كاربون تۆت ئوكسىد گازى شەكىللەندۈرىدۇ؛ تۇرمۇشتا ئادەتتە بۇ خىل ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ، پىرەنىك، تورت، موما، بولكا قاتارلىقلارنى تەييارلىغان ۋاقىتتا خېمىرنى بوشىتىپ كۆپتۈرگۈچى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 苏打粉
   خەنزۇچە خېمىيلىك ئاتىلىشى: 碳酸氢钠
   ئىنگېلىزچە ئاتىلىشى: Natrium Bicarbonate
   سىرتقى ھالىتى: ئاق رەڭلىك، ئازراق تۇزلۇق، كىرستالسىمان پاراشوك شەكلىدە
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام سودا تەركىبىدە، تەخمىنەن 27380 مىللىگىرام ناترىي بار.
   بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىمىز، ناترىي ئىئونى ئادەم بەدىنى نورمال ئېھتىياجلىق بولغان تەركىب بولۇپ، ئادەتتە زەھەرسىز دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، بەدەنگە زىيادە كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلغاندا، ئىشقاردىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىگەرنى زەخمىلەندۈرۈشى ھەمدە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئىشلىتىلىش دائىرىسى
   1. دورا ئىشلەپچىقىرىش. ناترىي ھىدرو كاربوناتنى بىۋاستە دورا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىكى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كىتىشنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
   2. يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش. يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا، ئۇ ئىنتايىن كەڭ قوللىنىلىدىغان بوشىتىپ كۆپتۈرۈش ماددىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ پىرەنىك، بولكا قاتارلىقلارنى تەييارلاش، گازلىق سۇ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق.
   3. ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى. كىسلاتا ئىشقارلىق ئۆت ئۆچۈرگۈچ ۋە كۆپۈكلۈك ئوت ئۆچۈرگۈچ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
   يۇقىرىقىلاردىن باشقا، كاۋچۇك سانائىتى ۋە مىتال تاۋلاش سانائىتىدىمۇ بەلگىلىك مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号