ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
كۆپتۈرۈش پاراشوكى (泡打粉)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-07 كۆرۈلىشى : قېتىم

   كۆپتۈرۈش پاراشوكى، بىر خىل بىرىكتۈرمە كۆپتۈرگۈچى بولۇپ، سودا پاراشوكىغا كىسلاتالىق ماتېرىياللارنى قوشۇپ ھەمدە قوناق ئۇنىنى تولدۇرغۇچى تەركىب قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئاق رەڭلىك پاراشوك ھالىتىدىكى ماددىدۇر. كۆپتۈرۈش پاراشوكى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا، تېز سۈرئەتتە كۆپتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ؛ تورت، مانتا، موما، بولكا قاتارلىقلارنى تەييارلاش جەريانىدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 泡打粉
   ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى: Baking powder
   ئاساسلىق خام ماتېرىيالى: سودا، قوناق ئۇنى
   ساقلاش ئۇسۇلى: قۇرغاق، تەسكەي جايلاردا ئېغىزى ھىم ئىتىلىپ ساقلىنىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام كۆپتۈرۈش پاراشوكى تەركىبىدە، 5.2 گىرام ئاقسىل، 37.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 11800 مىللىگىرام ناترىي، 9 مىللىگىرام ماگنىي، 8430 مىللىگىرام فوسفور، 49 مىللىگىرام كالىي، 1130 مىللىگىرام كالتسىي، 2.8 مىللىگىرام سىنىك بار.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
   خېمىر يۇغۇرماقچى بولغان ئۇننى تەييارلاپ، ئۇننىڭ مىقدارىنىڭ %3-%2 بويىچە تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرىمىز، ئېچىتىپ كۆپتۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىت قويۇپ قويۇش لازىم بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كۆپتۈرۈش پاراشوكىنى مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇش كېرەك، بەك كۆپ قوشۇۋەتسەك قىرتاق تەم پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号