ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » چاي-قەھۋە
يالپۇز چېيى دەملەش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يىڭى ئۈزۈلگەن يالپۇز يۇپۇرمىقىدا چاي دەملەپ ئىچسەك، ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغان چاي ئىچىملىكى بولىدۇ. يالپۇز چېيى دەملەش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، ئادەتتىكى چاي دەملەش ئۇسۇلى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
   بىراق، يالپۇز چېيىنى دەملەش ئۇسۇلى بىر قەدەر كۆپ؛ ئۇنى يالغۇز دەملەپ ئىچىشكە، ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ دەملەپ ئىچىشكە بولىدۇ، ئۈنۈمىدىمۇ بەلگىلىك پەرق بولىدۇ. تۆۋەندە، يالپۇز چېيىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دەملەش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
يالپۇز ھەسەل چېيى
    يالپۇزدىن بەش گىرام ئېلىپ، پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن، قايناقسۇ بىلەن دەملەيمىز؛ ئۆزى تەبىئى سۇۋۇغاندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىچسەك بولىدۇ.
يالپۇز ئۈچقات چېيى
    يالپۇز ۋە ئۈچقاتنى(金银花) قايناقسۇ بىلەن دەملىگەندىن كىيىن، ئېغىزىنى بەش مىنۇت ھىم ئىتىپ قويۇپ، كەينىدىن ئازراق ھەسەل قۇشۇۋەتسەكلا بولىدۇ. يالپۇز ئۈچقات چېيىنىڭ ئىسسىق ۋە زەھەرنى ھەيدەش ئۈنۈمى بولۇپ، ياز پەسلىدە ئىسسىق يەل ئۆرلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كىلىدۇ.
ئاق شىكەر يالپۇز چېيى
   يىڭى يالپۇزنى يۇۇيپ پاكىزلاپ، قايناقسۇدا دەملىگەندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شىكەر قوشۇپ، ئۆزى تەبىئى سۇۋۇغاندىن كىيىن ئىچسەك بولىدۇ. بۇ چاينىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، ئىچكەندىن كىيىن بەدەن راھەتلىنىپ روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىلىدۇ.
يىشىل چاي يالپۇز ئارىلاشما چېيى
   مۇۋاپىق مىقداردا يىشىل چاي ئېلىپ، يالپۇز بىلەن قوشۇپ بىللە دەملەيمىز؛ ئاق شىكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ تەمىنى تەڭشىسەكلا بولىدۇ.
يالپۇز ناۋات چېيى
    يىڭى يالپۇز يۇپۇرمىقىدىن 10-5تال ئېلىپ، ئاۋال پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن ئىستاكانغا سېلىپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيىمىز؛ كەينىدىن ئازراق ناۋات سېلىپ، ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى 20-15مىنۇت باسۇرۇپ قويغاندىن كىيىن ئىچسەك بولىدۇ.
يالپۇز قىزىل گۈل چېيى
   قىزىل گۈل غۇنچىسىدىن 5-4نى، يىڭى يالپۇز يۇپۇرمىقىدىن 10تالنى تەييارلايمىز. قۇرۇق قىزىل گۈل ۋە يالپۇزنى بىللە ئىستاكانغا سېلىپ، ئۈستىگە قانيناقسۇ قۇيغاندىن كىيىن، ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى 15-10مىنۇت ھىم يېپىپ قويىمىز؛ ۋاقىت توشۇپ سۇۋۇغاندىن كىيىن ئىچسەك بولىدۇ. يالپۇز قىزىل گۈل چېيىنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش، كەيپىياتنى ياخشىلاش، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، سەگەكلەشتۈرۈش ئۈنۈمى بار. ئۇنىڭ يەنە يۈرەك ۋە مىڭىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئەڭ ماس كىلىدۇ.
يالپۇز جۈخۇا چېيى
   يالپۇزدىن 15گىرام، جۈخۇا گۈلىدىن 10گىرام تەييارلايمىز. جۈخۇا بىلەن يالپۇزنى بىللە بىر ئىستاكانغا سېلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيغاندىن كىيىن، ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى ئىتىپ 10-5مىنۇت قويۇپ ئىچسەك بولىدۇ. بۇ چاينىڭ ئىسسىق يەلنى ھەيدەش، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، مىڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش ئۈنۈمى بار.
   يۇقارقىلاردىن باشقا، يەنە قارىمۇچ يالپۇز چېيى، توڭلىتىلغان يالپۇز چېيى قاتارلىقلارمۇ بار، ئەمما بۇ يەردە تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەيمىز. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، يالپۇز چېيى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ئىچىۋىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号