ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » چاي-قەھۋە
قىزىل گۈل چېيى دەملەش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
      قىزىل گۈل چېيى كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس. ئەمما بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، قىزىل گۈلنى ئادەتتىكىچە قايناقسۇدا دەملەپلا ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ئەمىلىيەتتە ئاددى بىر قىزىل گۈلنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئالاھىدە دەملەپ ئىچىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدا قىزىل گۈل تەركىبىدىكى جەۋھىرى قىسىم ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چايغا ئاجرىلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
     بىرىنچى قېتىم دەملىگەندە، سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى چوقۇم 90 سىلتسىيە گىرادوستىن ئېشىشى كىرەك. ئىستاكانغا قىزىل گۈلدىن ئىككىنى سېلىپ، قايناقسۇنى قۇيغاندىن كىيىن، ئىستاكاننىڭ ئۈستىنى يېپىپ 3-2مىنۇت قويۇپ قويىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا قايناقسۇنىڭ رەڭگىنىڭ ئازراق سېرىققا مايىل يىشىلغا ئۆزگىرىشى، قىزىلگۈلنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ چىقىشقا باشلىغانلىغىدىن دىرەك بىرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا قىزىل گۈل يەنىلا بىنەپشە رەڭدە بولۇپ، ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى ئاچسىڭىز، قويۇق بولغان گۈل ھىدى ئۆرلەپ چىقىپ، سىزنىڭ خۇددى گۈللۈكلەر ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدۇرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا چايدىن بىر ئوتلىسىڭىز، سىزگە ھەقىقەتەنمۇ تەسۋىرلىگىسىز ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
     ئىككىنچى قېتىم دەملىگەندە، سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى 70 سىلتسىيە گىرادوستىن يۇقىرى بولسا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا گۈلنىڭ رەڭگى قىزغۇچ رەڭگە ئۆزگىرەيدىغان بولۇپ، سۇ تەركىبىلىرى گۈل بەرگىلىرىگە ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرگەنلىكتىن، گۈل ياپراقلىرى ئاستا-ئاستا ئۆزىنى قويۇپ بىرىپ يېيىلىشقا باشلايدۇ؛ چاي بولسا ئازراق سېرىق رەڭگە كىرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتىكى چاي تەركىبىدە قىزىل گۈل جەۋھىرى ۋە كۆپ فىنول ئەڭ مول بولىدۇ، چاينى ئاستاغىنە تەمىنى تېتىپ ئىچىپ بەرسىڭىز، چاي ناھايىتى تەملىك كەلگەن بولۇپ، قىزىل گۈل تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى بەدەن تەرپىدىن سۈمۈرلىدۇ.
     ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك دەملەشتىن كىيىن، ئۈچىنچى قېتىم دەملىگەندە، گۈلنىڭ رەڭگى سۇس قىزغۇچ رەڭگە ئۆزگىرەيدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم گۈل ياپراقچىلىرى تۇلۇق يېيىلىپ بولىدىغان بولۇپ، چاي ئۇچۇق سېرىق رەڭدە بولىدۇ؛ قىزىل گۈل تەركىبىدىكى قىزىلگۈل جەۋھىرى ۋە كۆپ فىنوللىق ماددىلار داۋاملىق ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، قىزىلگۈلنىڭ پۇراقلىرى چايغا سىڭىپ كىرىپ، سىزگە بىرخىل راھەت بەخىش ئىتىدۇ.
     تۆتىنچى قېتىم دەملىگەن ۋاقتىڭىزدا، ئەڭ ياخشىسى ئازراق ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق دەملەشتىن كىيىن، بۇ ۋاقىتتىكى قىزىلگۈل پۈتۈنلەي يېيىلىپ ئۆزىنى قويۇۋىتىدىغان بولۇپ، ئىستاكاننىڭ ئىچىدە لەيلەپ تۇرىدۇ؛ گۈل بولسا سۇلۇق ھالرەڭ ھالىتىگە ئۆتىدۇ، چاي ئازراق ساغۇچ رەڭدە كىلىدۇ. ھەسەل قوشۇلغاندىن كىيىن، ئەتىرگۈلنىڭ قېلىپ قالغان پۇراقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئالاھىدە بىر پۇراقلىق تەمگە كىرىدۇ، سىزگە ئۇزاققىچە تامغاق چاكىلداتقىدەك تەم بېغىشلايدۇ.
     بەشىنچى قېتىم دەملىگەندە، چاي ئاساسەن سۈزۈك كىلىدۇ، گۈلنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى تۇلۇق چىقىپ، گۈلمۇ ئىستاكان تىگىگە چۆكىدۇ. تۆت قېتىملىق دەملەشتىن كىيىن، بۇ ۋاقىتتا ئىستاكاندىكى قىزىلگۈلنىڭ كۆپ فىنوللىق تەركىبى ئەڭ مول، ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر تۇلۇق ئاجرىلىپ چىققان بولىدۇ؛ چاينى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، قىزىلگۈلنى چايناپ بەرسەك، قىزىلگۈلنىڭ پۇرىقى بىلەن ئالدىنقى بەش قېتىملىق دەملەپ ئىچىلگەن چاينىڭ ئېغىزىڭىزدا قالغان پۇراقلىرى بىرلىشىپ، سىزنى بىر خىل ئازادە ھىس قىلدۇرىدۇ.
    يۇقىرىدا، چاي دەملەش جەريانىنى سۆزلىگەندە مەن قىزىلگۈل جەۋھىرى ۋە كۆپ فىنوللىق ماددىلارنىڭ چايغا ئاجرىلىپ چىقىدىغىنىنى، چاي تەركىبىدە ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مول بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدىم، ئۇنداقتا ئادەم بەدىنى قىزىلگۈل تەركىبىدىكى كۆپ فىنوللىق ماددىلارنى سۈمۈرسە قانداق ئۈنۈملەر ھاسىل بولىدىغىنىنى بىلەمسىز؟ قىزىلگۈل تەركىبىدىكى كۆپ فىنوللىق ماددىلارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، قېرىشنى ئاستىلىتىش، يۈرەك ۋە مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرىنى توسۇش، رادىئاتسىيە ۋە باكتىرىيەلەرنىڭ ئادم بەدىنىگە زىيان كۆرسىتىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش، ھەتتا راك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. قىزىلگۈل تەركىبىدىكى كۆپ فىنوللىق ماددىلار قىزىلگۈلدىن چەككىلەنگەن ئەڭ جەۋھىرى قىسىم بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بىۋاستە ئىستىمال قىلساق، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ، قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى يىتىشكە بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号