ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دانلىق -زىرائەتلەر
قوناق(玉米)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2016-11-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
قوناققوناق(5)
 
 

قوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ ئېگىزلىكى 3 −4 مېتىرغا يېتىدۇ. تاسمىسىمان يوپۇرمىقى 40 ~60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى سىلىق ھەم پاراشوكسىمان موم قەۋىتى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قوناق
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى باشاقلىقلار ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 玉米
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى باشاقلىقلار تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى كۆممىقوناق ئۇرۇقدىشى
 

قوناققوناق(4)قوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ ئېگىزلىكى 3 −4 مېتىرغا يېتىدۇ. تاسمىسىمان يوپۇرمىقى 40 ~60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى سىلىق ھەم پاراشوكسىمان موم قەۋىتى بولىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان بولۇپ، مېۋە باشىقى سۈپۈرگە شەكىللىك ياكى بولقا شەكىللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. قىلتىرىقلىق مېۋىسى سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قوڭۇر، ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. 

قوناق ئادەتتە ئىسسىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرالايدىغان، شورغا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا كەڭ كۆلەمدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. تېرىپ ئۆستۈرۈش كۆلىمى جەھەتتە ھىندىستاندا ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئېلىمىز ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

قوناق ئادەتتە خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. غولى ئېگىز ھەم ئىنچىكە، تەركىبىدە تاتلىق شىرنىسى كۆپ بولىدىغىنى شېكەر قوناق (لۇجى) دېيىلىپ، شېكەر چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ غولى نىسبەتەن قىسقىراق، تەركىبىدە شېكەر شىرنىسى يوق بولىدىغىنى قوناق(گاۋلياڭ) دېيىلىدۇ؛ يەنە بىرى بولسا باشاقلىرى شالاڭ سۈپۈرگە قوناقتىن ئىبارەت.

قوناققوناق(5)ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، قوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن، يەنى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل %82، شېكەر % 7.8، ماي %2.2 بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىتامىن1 B ۋە2 B قاتارلىقلارمۇ بولىدىكەن.

قوناققوناق(9)قوناق ئېلىمىزدە 5000 يىلدىن ئارتۇق تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. بولۇپمۇ شەرقىي شىمال قونىقى خېلى بۇرۇنلا دۇنياغا تونۇلغان بولۇپ، ئاسىيا «قىزىل گۈرۈچى» دېگەن نامى بار. 

قوناقنىڭ يېڭى يوپۇرمىقى ياكى مايسىسى تەركىبىدە ھىدروكسى سىئانوزىدلار بولۇپ، ھايۋانلار ئۇنى يېگەندىن كېيىن ئاشقازاندا ئۆتكۈر زەھەرلىك ھىدروسئانىد كىسلاتاسى ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، قوناقنىڭ يېڭى يوپۇرماق ياكى مايسىلىرى بىلەن ھايۋانلارنى بېقىشقا بولمايدۇ. 

 

خەتكۈچلەر:

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号