ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دانلىق -زىرائەتلەر
بۇغداي
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-11-23 كۆرۈلىشى : قېتىم

بۇغداي

 
 

بۇغداي ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تېرىپ ئۆستۈرگەن ئاشلىق زىرائىتىدۇر. قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش ئويمىلىرىدا بۇغداي تېرىپ ئۆستۈرۈش خاتىرىلەنگەن. كىشىلەر قەدىمكى مىسىر پىرامىدا  (ئېھرام) سىنىڭ تاش يوچۇقلىرىدىن بۇغداي دانلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئارخېئولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا غار-ئۆڭكۈرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ياۋا بۇغداينى يېمەكلىك قىلىشقا باشلىغانىكەن.

 

 
سۈرەتلەر
  • تۈر1

بۇغداي تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشاقلىقلار ئائىلىسىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە، يەنى يوپۇرماق تومۇرلىرى پاراللېل، غولى كاۋاك ھەم بوغۇملۇق، باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ھەربىر كىچىك گۈلدە گۈل تاجى ياپراقچىسى بولمايدۇ، ئەمما قاسىراقچىسى بولىدۇ. بۇغداي ۋە شالغا ئوخشاش گۈلىدە مانا مۇشۇنداق قاسىراقچىسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاسىراق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇغداينىڭ قاسىراقچىسىدا قىلتىرىقى بولۇپ، بۇ بۇغداي سورتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تېرىش ۋە ھوسۇلىنى يىغىش پەسىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئېلىمىزدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان بۇغدايلار ئىككى خىل فىزىئولوگىيىلىك تىپقا بۆلۈنىدۇ: بىرى، قىشلايدىغان كۈزلۈك بۇغداي؛ يەنە بىرى، بىر يىللىق يازلىق بۇغدايدىن ئىبارەت. كۈزلۈك بۇغداي ئادەتتە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدا 9-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى  10-ئاينىڭ باشلىرىدا تېرىلىپ، ئىككىنچى يىلى 4-ۋە  5-ئايلاردا يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئاساسەن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى بىلەن شىمالىي جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرىغا كۆپرەك تارقالغان. يازلىق بۇغداي ئادەتتە 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى تېرىلىپ، شۇ يىلى يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋېگېتاتىۋ ئۆسۈش دەۋرى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى بىرقەدەر سوغۇق رايونلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ

پۈتۈن يەر شارىدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئىچىدىكى ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەھسۇلات مىقدارىمۇ شالنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدىن قېلىشمايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى  3 /1 قىسىم ئاھالە بۇغداينى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • شاتارى (栀子)

    شاتارى (栀子)

    شاتارى، جۇڭيى تىبابەت دورا ئىسىمى بولۇپ، رويان ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شاتارىنىڭ مىۋىسىدۇر.

  • داغۇر (白芷)

    داغۇر (白芷)

    داغۇر، جۇڭيى تىبابىتى دورىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، كۈنلۈكسىمانلار ئەترىتى داڭگۇي ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. داغۇر ئاساسلىقى جۇڭيى تىبابىتىدە د

  • قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر، قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قەلەمپۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، غۇنچە يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

  • پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق ئادەتتە لائۇر يۇپۇرمىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، لائۇر دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان يۇپۇرمىقى، ئادەتتە تۇرمۇشتا تائام تەييارلاشتا پۇراق ۋە تەم تەڭشىگ

  • خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان، جۇڭگۇ تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشتا يەنە تەم تەڭشەش خۇرۇچ ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

  • يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز، كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىقتىسادى قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالاھىدە بىر خىل ئاروماتىك زىرائەت ھېسابلى

  • ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق ئادەتتە كۈمۈش رەڭلىك قېرىنقولاق، قار قېرىنقولىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق ھەم ئاق، يېرىم سۈزۈك، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك كېلىدۇ.

  • شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى، ئىستېمال قىلىشقا، دورىغا ئىشلىتىشكە ۋە دورىلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئېتى قېلىن، يۇمران ۋە چۈرۈك بولۇشتەك ئ

  • پىننە (藿香)

    پىننە (藿香)

    پىننە ئادەتتە تاغ بەدىيانى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان دورا-دەرمەكلەرنىڭ بىرى.

  • گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)

    گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)

    گىلاس تۇرۇپ ئېتى يۇمران، ئۆسۈشى تېز، سىرتقى شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، خام يىيىشكە ماس كېلىدۇ.

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号