ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دانلىق -زىرائەتلەر
قارا گۈرۈچ(黑米)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قارا گۈرۈچ—قارا شالدىن ئايرىپ ئېلىنغان مەھسۇلات بولۇپ، يۇمىلاق گۈرۈچكە ياكى سوقىچاق گۈرۈچكە تەۋە. قارا گۈرۈچ، باشاقلىقلار ئائىلىسىگە تەۋە بولغان شالنى ئۇزۇن مۇددەت يىتىشتۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدە بىر سورت؛ ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى ئۇزۇن ئىللىپىس شەكىللىك، رەڭگى كۈلرەڭگە مايىل قوڭۇر رەڭلىك كېلىدۇ. قارا گۈرۈرچنىڭ سوقىچاق ۋە يۇمىلاق ئىككى خىل سورتى بار بولۇپ، غەيرى نومى گۈرۈچى تىپىدىكى گۈرۈچتۇر.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 黑米
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—گۈلسامساق سىنىپى—غاز تاپان كەنجى سىنىپى—قىياق ئەترىتى—باشاقلىقلار ئائىلىسى—شال كەنجى ئائىلىسى—شال جەمەتى—شال كەنجى جەمەتى—شال ئۇرۇقدىشى
   تارقالغان رايونلار: ئەڭ دەسلەپ، دۆلىتىمىز شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ياڭشىيەن ناھىيىسىدە تېرىپ يېتىشتۈرۈلگەن
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   قارا گۈرۈچ بىلەن بىنەپشە گۈرۈچ ھەر ئىككىسى، گۈرۈچ ئارىسىدىكى قىممەتلىك سورت بولۇپ، ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتە، يېرىك ئاقسىل مىقدارى %12.5-8 ئەتراپىدا، يىرىك ياغ تەركىبى %3.8-2.7 ئارىسىدا، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مىقدارى %84-75 ئارىسىدا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، قارا گۈرۈچ تەركىبىدە، Bئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن E، كالتسىي، فوسفور، كالىي، ماگنىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارمۇ نىسبەتەن مول.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   1. قارا گۈرۈچنىڭ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكالنى يوقىتىپ تازىلاش، تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىقنى ياخشىلاش، ئىممونت كۈچىنى تەڭشەش قاتارلىق كۆپ خىل فىزىلوگىيە جەھەتتىكى پايدىلىق ئۈنۈملىرى بار.
   2. قارا گۈرۈچ تەركىبىدىكى فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەرنىڭ، قان تومۇرلىرىنىڭ نورمال سىڭىپ كىرىش بېسىمىنى ساقلاش، قان تومۇرلارنىڭ چۈرۈكلۈكىنى يىنىكلىتىش، قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جاراھەت ئېغىزىدىن قان چىقىشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
   3. قارا گۈرۈچ، باكتىرىيە ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتەلەيدۇ.
   4. قارا گۈرۈچنىڭ يەنە، يۈرەك مۇسكۇللىرىغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈشنى ياخشىلاش، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号