ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دانلىق -زىرائەتلەر
تېرىق 粟米
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2017-07-19 كۆرۈلىشى : قېتىم

 تېرىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى يىپسىمان يوپۇرماق، باشىقى سۇس سېرىق بولۇپ، ئاقلىغاندىن كېيىن سېرىق دېنى چىقىدۇ. دېنى ئادەتتە سۆكتىن چوڭراق بولۇپ، پىشۇرغاندىن كېيىن يېپىشقاق ھالەتكە كېلىدۇ.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى

سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

تېرىقنىڭ دېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئورىۋېلىپ، خاماندا تېپىپ دېنىنى ئايرىپ، شۇ پېتى ياكى ئۇن تارتىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

تېرىقتېرىق(5)تېرىق ئۇنىدا نان يېپىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. 

تېرىق ئۇنىنى قايماق بىلەن يۇغۇرۇپ تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلسا، بەدەننى قۇرۇتۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

تېرىق ئۇنىنى سۈت بىلەن يۇغۇرۇپ، تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىستىسقا ۋە ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号