سۇلۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، " ئۆسۈملۈكلەر قامۇسىدا" قۇچقاچ بوغدىيى ، ياۋا بوغداي دەپ ئاتىلىدۇ. سۇلۇنىڭ پوستى ئاسان چۈشمەيدىغان بولغاچقا، يەنە پوستلۇق سۇلۇ دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، شىكەر مىقدارى تۆۋەن، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يوقىرى، يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك يىمەكلىك ھىسابلىنىدۇ.
1997-يىلى ئامىرىكا FDA ئورگىنى سۇلۇنى ئىقتىدار خارەكتىرلىك يىمەكلىك دەپ بىكىتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش، قاننىڭ شىكەر مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولى بار. ئامىرىكا "دەۋر ژورنىلى باھالاپ چىققان يەرشارىدىكى ئون چوڭ ساغلام يىمەكلىك ئىچىدە، سۇلۇ بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 燕麦
لاتىنچە ئاتىلىسى: Avena sativa L.
باشقىچە ئاتىلىشى: پوستلۇق سۇلۇ
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئورۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—باشاقلىقلار ئائىلىسى—باشاقلىقلار ئەترىتى—قوڭۇرۋاش كەنجى ئائىلىسى—سۇلۇ جەمەتى—سۇلۇ ئۇرۇقدىشى—سۇلۇ
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىمىيىسى سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئونۋىرسال ئانالىزىغا قارىغاندا، جۇڭگۇدا ئۆستۈرۈلگەن سۇلۇنىڭ ئىسسقلىق ۋە كىراخمال مىقدارى يۇقىرى؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يىرىك ئاقسىلنىڭ مىقدارى %15.6كە، ياغنىڭ مىقدارى %8.5كە يىتىدىغان بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە فوسفور، تۆمۈر،كالتسىي قاتارلىق ئىلمىنىتلار بار؛ سۇلۇنىڭ تەركىبىدىكى سۇدا ئىرىيدىغان يىمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى بوغداينىڭ 4.7 ھەسسىسىگە، قوناقنىڭ 7.7 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.
سۇلۇ تەركىبىدىكى ۋىتامىن B ، نىكوتىنىك كىسلاتا،فۇلىن كىسلاتا، پانتوتىنىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر مول، بولۇپمۇ ۋىتامىن E ، ھەر 100گىرام سۇلۇ تەركىبىدە 15 مىللىگىرام ۋىتامىن E بار. بۇندىن باشقا سۇلۇ تەركىبىدە يەنە، باشقا دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدە يوق بولغان ساپۇنىن( ئادەمگىياھنىڭ ئاساسلىق تەركىبى) ماددىسى بار. سۇلۇ تەركىبىدىكى ئاقسىلنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ تۈرى بىرقەدەر تولۇق بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان 8خىل ئامىنۇ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ھەممىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ ھەر 100گىرام سۇلۇ تەركىبىدىكى لىسىن كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى 0.68گىرامغا يىتىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 100گىرام سۇلۇ تەركىبىدىكى، ئىنىرگىيە 367cal، سۇ 9.2 گىرام، ئاقسىل 15 گىرام، ياغ 6.7 گىرام، تالا 5.3 گىرام، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى 61.6 گىرام، ۋىتامىن B1 0.3 مىللىگىرام، ۋىتامىن B2 0.13 مىللىگىرام، ۋىتامىن E 3.07مىللىگىرام، ئاتسىدۇم نىكوتىنىكوم 1.2 مىللىگىرام، ناترىي 3.7 مىللىگىرم، كالتسىي 186 مىللىگىرام، تۆمۈر 7مىللىگىرام .
دورىلىق قىممىتى
سۇلۇنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق داۋالاشتىكى قىممىتى ۋە ساغلاملاشتۇرۇش تەسىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىبابەتچىلىك ساھەسى ئورتاق ئىتراپ قىلغان. بۇندىن باشقا سۇلۇنىڭ يەنە جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ كىسەللىك ئۆزگىرىشى، قەنت سىيىش كىسەللىكى، جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىش كىسىلى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەگەشمە خارەكتىردىكى قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش كىسەللىكىگە كۆرنەرلىك بولغان داۋالاش ئۈنۈمى بار.
سانائەتتىكى قىممىتى
سۇلۇنىڭ ساغلاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ھۆسىن تۈزەش قىممىتى بار بولۇپ، سانائەتتە ئاقارتىش گىرىم بويۇملىرى تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ جاۋاپ بىرىش ئىنتايىن تەس بولغان بىر مەسىلە؛ چۈنكى، سىز بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز، ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ئالداۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز بولمايدۇ دەپ جاۋ
ئادەتتە تائام تەييارلىغان ياكى قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، بەزىدە ئىھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپرەك قوشۇۋىتىپ، قورۇما تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بۇندا
چاي، بىر خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭمۇ ساقلاش ۋاقتى بار. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چاينىڭ رەڭگى، پۇرىقى، دەملەنگەن چاينىڭ رەڭگى، چاي تەمى قاتارلى
پىسخىكىلىق سىناق: تۆۋەندىكى ئۈچ جۈپ كۆزدىن، قايسىسى ئىتنىڭ كۆزى؟ ئۈچ جۈپ كۆزدىن بىرنى تاللاپ، ئەقلى ئىقتىدارىڭىزنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بىلىۋىلىڭ!
قانداق قىلغاندا، قارىماققا ھېچ ئاخىرقى چېكى يوقتەك بۇ بىر بۆلەك ھىسياتنى، مۇۋاپىق بىر نەتىجىگە ئىرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئەگەر سىز، بىرگە بولالمايدىغان بىر ئادەمنى ي
ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
ئەر يولداشلار، سىلەرنىڭ شۇ بىرلا ئايالىڭلار بار، ئۇلارنى سىلەر ئەتىۋارلىماي كىم ئەتىۋارلىسۇن؟ مەنمۇ سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايمەن، ياخشى بىر ئەر دادا بول
ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن
ھەربىر ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى باسالماي قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ بىر ئادەم كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ ئۆزىنى بىلمەي چاقچ
بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ. ئوخشاشلا، بىزنىڭ ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىمىزمۇ، بىزنىڭ تەن ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىر
تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1 新公网安备 65010202000516号