ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دانلىق -زىرائەتلەر
نومى گۈرۈچى (糯米)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-09 كۆرۈلىشى : قېتىم

    نومى گۈرۈچى نومى شېلىنىڭ سىرت قېپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىنكى گۈرۈچ بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى رايونلىرىدا نومى گۈرۈچى دەپ ئاتىلىدۇ، شىمالى رايونلىرىدا بولسا كۆپىنچە دەريا گۈرۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. نومى گۈرۈچى يېپىشقاق خارەكتىرىدىكى ئۇششاق يىمەكلىكلەر، مەسىلەن زۇڭزا، سەككىز گۆھەر ئومىچى ۋە ھەر خىل تاتلىق تۈرۈملەرنى تەييارلاشتىكى ئاساسلىق ماتىريال بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە گۈرۈچ ھارىقى ئېچىتىشتىمۇ نومى گۈرۈچى ئىشلىتىلىدۇ. نومى گۈرۈچىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، قەنت تۈرلىرى، كالتسىي،فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، كىراخمال قاتارلىق ماددىلار بار؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، بەدەننى مۆتىدىل قۇۋەتلەيدىغان يىمەكلىك تۈرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:   糯米
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  Glutinous rice
باشقىچە ئاتىلىشى:  دەريا گۈرۈچى
ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى:  ئاقسىل، ياغ، قەنت تۈرىدىكىلەر
ئۈنۈمى:  ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەيدۇ
ئىستىمال قىلىشتىكى خاتا قاراش:
    نۇرغۇن كىشىلەر يۇمشاق كەلگەن نومى گۈرۈچىدە تەييارلانغان تاماقلارنى يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇلار نومى گۈرۈچىنى ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئېغىزغا سالسىلا تۈرۈپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ دەيدۇ. ئەمىلىيەتتە گۈرۈچكە سېلىشتۇرغاندا، نومى گۈرۈچى تېخىمۇ ئاسان ھەزىم بولۇپ بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ. نومى گۈرۈچى بىلەن ئادەتتىكى گۈرۈچنىڭ  ھەر ئىككىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كىراخمال، ئەمما نومى گۈرۈچى تەركىبىدىكى تۈز زەنجىرلىك كىراخمال ئادەتتىكى گۈرۈچكە قارىغاندا ئاز، تارماق زەنجىرلىك كىراخمال بولسا كۆپرەك بولۇپ، ئادەتتە تارماق زەنجىرلىك كىراخمال ھەزىم قىلىنىش ئۈنۈمى تۈز زەنجىرلىك كىراخمالغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نومى گۈرۈچىنىڭ ھەزىم قىلىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تىز بولىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى:
    ھەر يۈز گىرام نومى گۈرۈچى تەركىبىدە  348 Kcal ئىسسىقلىق، 78.3گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 7.3 گىرام ئاقسىل، 0.8 گىرام تالا ماددىسى، 1.29 مىللىگىرام ۋىتامىن E، 0.04مىللىگرام رىبوفلاۋىن، 1.54 مىللىگىرام سىنىك، 0.25 مىللىگىرام مىس، 2.3 مىللىگىرام ئاتسىدۇم نىكوتىنىكوم، 49 مىللىگىرام ماگنىي، 1.4 مىللىگىرام تۆمۈر، 137مىللىگىرام كالىي، 113 مىللىگىرام فوسفور، 1.5 مىللىگىرام ناترىي بار.
ئىستىمال قىممىتى:
    نومى گۈرۈچى بەدەننى مۆتىدىل قۇۋۋەتلەيدىغان يىمەكلىك بولۇپ، قان تۇلۇقلاش، ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، تەرلەشنى توختىتىش قاتارلىق رولى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号