ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » مىۋە-چىۋە تۇرلىرى
بۆلجۈرگەن (草莓)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-30 كۆرۈلىشى : قېتىم

   بۆلجۈرگەن، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ مىۋىسى بولۇپ، ئەسلىدە جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۆستۈرۈلگەن، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردا كەڭ يىتىشتۈرۈلىدۇ. بۆلجۈرگەن تەركىبىدە كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ساغلاملىق ئۈنۈمىگە ئىگە.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 草莓
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Fragaria × ananassa Duch.
   ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى: strawberry
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئەتىرگۈل ئائىلىسى—بۆلجۈرگەن ئۇرۇقدېشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100گىرام بۆلجۈرگەن تەركىبىدە، تەخمىنەن 32 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 0.7 گىرام ئاقسىل، 0.3 گىرام ياغ، 0.2 گىرام يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 7.7 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 4.9 گىرام شېكەر، 2 گىرام تالا ماددىسى، 24 مىكروگىرام فولىن كىسلاتا، 1 مىللىگىرام ناترىي، 13 مىللىگىرام ماگنىي، 24 مىللىگىرام فوسفور، 153 مىللىگىرام كالىي، 16 مىللىگىرام كالتسىي، 0.4 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.14 مىللىگىرام سىنىك، 1 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 0.02 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.02 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.39 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.05 مىللىگىرام ۋىتامىن B6، 58.8 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.29 مىللىگىرام ۋىتامىن E، 2.2 مىكروگىرام ۋىتامىن K بار.
ئىستېمال قىممىتى
   كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش: بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى كاروتىن بىلەن ۋىتامىن A، كېچىسى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى ياخشىلايدىغان بولۇپ، يۇقىرى تېرە ئورگانىزىمىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ جىگەرنى ئاسراش، ئۆسۈپ-يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.
ھەزىم قىلىشقا ياردەملىشىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش: بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان ئۈچەيدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنى ياخشىلاپ بۇۋاسىر ۋە ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号