ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » مىۋە-چىۋە تۇرلىرى
ئۈزۈم (葡萄)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-10-02 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئۈزۈم، ئۈزۈم ئائىلىسىگە تەۋە پىلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ مىۋىسى بولۇپ، يۇمىلاق ياكى ئىللىپىس شەكلىدە كېلىدۇ، ئادەتتە 5-4-ئايدا چىچەكلەپ، 9-8-ئايدا مىۋە بىرىدۇ. ئۈزۈم تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى، ئادەتتە خام ئىستېمال قىلىنىدۇ ۋە قۇرۇتۇپ قۇرۇق ئۈزۈم تەييارلىنىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، ۋە ياكى ئۈزۈم ھارىقى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 葡萄
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Vitis vinifera L.
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—خوزۇر ئەترىتى—ئۈزۈم ئائىلىسى—ئۈزۈم ئۇرۇقدېشى
   نام بەرگۈچى: L.
   نام بىرىلگەن ۋاقىت: 1753-يىلى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام ئۈزۈم تەركىبىدە، تەخمىنەن 44 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 0.5 گىرام ئاقسىل، 0.2 گىرام ياغ، 10.3  گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.4 گىرام سۇدا ئىرىمەس تالا ماددىسى، 1 مىللىگىرام ناترىي، 8 مىللىگىرام ماگنىي، 13 مىللىگىرام فوسفور، 104 مىللىگىرام كالىي، 5 مىللىگىرام كالتسىي، 0.06 مىللىگىرام مانگان، 0.4 مىللىگىرام  تۆمۈر، 0.09 مىللگىرام مىس، 0.18 مىللىگىرام سىنىك، 0.2 مىكروگىرام سېلىن، 0.04 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.02 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 25 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.7 مىللىگىرام ۋىتامىن E بار.
ئىستېمال قىممىتى
   ئۈزۈمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى كۆپ خىل مىۋە كىسلاتاسى ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق، مۇۋاپىق تۈردە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئۆت ۋە ئاشقازاننى ساغلام قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۈزۈم تەركىبىدىكى مىنرالنى ماددىلار، ۋىتامىنلار ۋە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ، نېرۋا ئاجىزلىشىشنى ياخشىلاش، چارچاشنى تۈگىتىش، قان تەركىبىدىكى خولستىرىننى تۆۋەنلىتىپ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号