ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » مىۋە-چىۋە تۇرلىرى
بادام (巴旦木)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-10-03 كۆرۈلىشى : قېتىم

   بادام، بادام دەرىخىنىڭ پارسچە ئاتىلىشىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بادام دەرىخىنىڭ مىۋىسى بادام ئۆرۈكى دەپ ئاتىلىدۇ، ئىلمىي ئاتىلىشى بولسا ياپىلاق شاپتۇل. بادامنىڭ دۆلىتىمىزدىكى يېتىشتۈرۈش تارىخى 1300يىلدىن يۇقىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزگە تارالغان بادامدىن جەمئىي 7 سورت ۋە 10 ئۆزگەرگەن سورتى بار. دۆلىتىمىزدىكى بادامنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە تارقالغان.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 巴旦木
   باشقىچە ئاتىلىشى: ياپىلاق شاپتۇل(扁桃)
   چەتئەلچە ئاتىلىشى: Almond
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئەتىرگۈل ئائىلىسى—ئالۇچا ئۇرۇقدېشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   بادام تەركىبىدىكى يىرىك ياغ ۋە يىرىك ئاقسىل مىقدارى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %49.6 ۋە %26.3كە يىتىدۇ؛ بادام تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتا مىقدارى، تەركىبىدىكى ئومۇمى ئامىنو كىسلاتاسى مىقدارىنىڭ %26.3نى ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا، بادام مېغىزى تەركىبىدىكى مىكرو ئىلمىنتلارمۇ مول بولۇپ، كالىي، فوسفور، ماگنىي، كالتسىي، ناترىي، تۆمۈر، سىنىك، ئاليومىن، مىس، مانگان، سېلىن قاتارلىق ماددىلار بار؛ بولۇپمۇ كالىينىڭ مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ھەر كىلوگىرام بادام مېغىزى تەركىبىدىكى كالىي مىقدارى، 4231 مىللىگىرامغا يېتىدۇ.
ئىستېمال قىممىتى
   بادامنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئازايتىش، ساخارىد تۈرىدىكىلەرنىڭ مىتابولىزىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. بۇندىن باشقا بادام تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە قان ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号