ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
قوي گۆشى(羊肉)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-10-03 كۆرۈلىشى : قېتىم

   قوي گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ،  تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان گۆش تۈرى؛ قوي گۆشى قۇۋۋەت ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە، قىش پەسلىدە ئىستېمال قىلىشقا ئەڭ ماس كىلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 羊肉
   چەتئەلچە ئاتىلىشى: mutton
   ئىستېمال ئۇسۇلى: پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام قوي گۆشىدە، تەخمىنەن 203 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 19 گىرام ئاقسىل، 14.1 گىرام ياغ، 6.2 گىرام تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، 1.8 گىرام كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 4.9 گىرام يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 81 مىللىگىرام ناترىي، 20 مىللىگىرام ماگنىي، 146 مىللىگىرام فوسفور، 232 مىللىگىرام كالىي، 6 مىللىگىرام كالتسىي، 0.02 مىللىگىرام مانگان، 2.3 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.75 مىللىگىرام مىس، 3.22 مىللىگىرام سىنىك، 32.2 مىكروگىرام سېلىن، 22 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.05 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.14 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 4.5 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.26 مىللىگىرام ۋىتامىن E بار.
ئىستېمال قىممىتى
   قوي گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، باھ ئاجىز، بەل تىز ئاغرىيدىغان، ماغدۇر يىتىشمىگەن كىشىلەرنىڭ قۇۋۋەت تۇلۇقلاش يېمەكلىكى ئورنىدا ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇندىن باشقا، قوي گۆشىنىڭ ئۆپكە تۇبۇركىليوز، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، زىققا، قان ئازلىق، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان ۋە ماغدۇر كەمچىل بولۇش، بەدەن سوغۇقچان ھەم ئاجىز بولۇش، بۆرەك ئاجىزلىق قاتارلىق سوغۇقتىن بولغان بارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号