ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
ئوتخور بېلىق(草鱼)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-10-04 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئوتخور بېلىق، سازان ئائىلىسىدىكى بېلىق بولۇپ، سۇ ئاستىدىكى ئوت چۆپلەرنى ئىستېمال قىلىپ جان ساقلىغانلىق ئۈچۈن ئوتخور بېلىق دەپ نام بىرىلگەن. ئوتخور بېلىق، كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كۆپ بېقىپ يىتىشتۈرۈلىدىغان بېلىق بولۇپ، جۇڭگۇدىكى تۆت چوڭ بېلىقنىڭ بىرىدۇر.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 草鱼
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Ctenopharyngodon idellus
   نام بەرگۈچى: Cuvier et Valenciennes
   نام بېرىلگەن ۋاقىت: 1844-يىلى
   تەۋەلىكى: ھايۋاناتلار دۇنياسى—خوردىلىق ھايۋانلار تىپى—گۈگۈسۈنسىمان پالاقچىلىقلار سىنىپى—سازانسىمانلار ئەترىتى—سازان ئائىلىسى—ئوتخور بېلىق ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام ئوتخور بېلىق گۆشى تەركىبىدە، تەخمىنەن 113 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 16.6 گىرام ئاقسىل، 5.2 گىرام ياغ، 1 گىرام تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، 0.9 گىرام كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 1.4 گىرام يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 46 مىللىگىرام ناترىي، 31 مىللىگىرام ماگنىي، 203 مىللىگىرام فوسفور، 312 مىللىگىرام كالىي، 38 مىللىگىرام كالتسىي، 0.05 مىللىگىرام مىس، 0.05 مىللىگىرام مانگان، 0.8 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.87 مىللىگىرام سىنىك، 6.7 مىكروگىرام سېلىن، 11 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.04 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.11 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 2.8 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 2.03 مىللىگىرام ۋىتامىن E بار.
ئستېمال قىممىتى
   ئوتخور بېلىق گۆشى تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى مول بولۇپ، قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا پايدىلىق. ئوتخور بېلىقنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، ئوتخور بېلىق تەركىبىدىكى سېلىن ماددىسىنىڭ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار، ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە قارىتامۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号