ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
قوتاز گۆشى(牦牛肉)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    قوتاز بولسا دېڭىز يۈزىدىن  ئىگىز بولغان جايلاردا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىقى ھىمالايا تاغ تىزمىلىرى ۋە چىڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىكىگە تارقالغان. قوتازنىڭ پۈتكۈل بەدىنى قارا ياكى قوڭۇر رەڭدە كىلىدىغان بولۇپ، بەدىنىنىڭ ئىككى يان تەرىپى، كۆكرەك ۋە قورسىقى، قۇيرۇقى قىسملىرىدىكى تۈكلەر ئۇزۇن ھەم قۇيۇق ئۆسكەن، تۆت پۇتلىرى قىسقا ئەمما توم كىلىدۇ؛ قوتاز ئادەتتە نۆلدىن تۆۋەن 40-30سىلتسىيە گىرادوس سوغۇقلارغىمۇ بەداشلىق بىرەلەيدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى قوتازلارنىڭ %85 تى دۆلىتىمىزگە تارالغان.
    قوتاز گۆشى يۇمران ھەم تەملىك كىلىدىغان بولۇپ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ ئۇنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن، ئەمما بەدەنگە تەمىنلەيدىغان ئىنىرگىيە كۆپ بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھۈجەيرە ئاكتىپچانلىقى ۋە ئەزالار ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا كۆرنەرلىك پايدىلىق ئۈنۈمى بار.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  牦牛
تەۋەلىكى(قوتاز) :  ھايۋاناتلار دۇنياسى—خوردىلىق ھايۋاناتلار تىپى—سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلار سىنىپى—ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   قوتاز گۆشىنىڭ ئاقسىل تەركىبى باشقا ھەرقانداق گۆش تۈرىگە قارىغاندا يۇقىرى، ئەمما ياغ تەركىبى باشقا ھەرقانداق گۆش تۈرىگە قارىغاندا تۆۋەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنرالنى ئىلمىنىتلار تەركىبىمۇ مول بولۇپ، تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتالار تۈزۈلىشىمۇ ئادەم بەدىنىگە ئەڭ يېقىن كىلىدۇ. بۇندىن باشقا، قوتاز يىل بويى ھېچقانداق بۇلغىنىش بولمىغان ئىگىز ھەم قەھرىتان جايلاردا ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ گۆشى تەبىئى، ساغلام كىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان گۆش تۈرى ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号