ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
تاسمىبىلىق(带鱼)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-20 كۆرۈلىشى : قېتىم

    تاسمىبىلىق ئۇكۇنسىمانلار ئەترىتى تاسمىبىلىق ئائىلىسىدىكى بىلىق بولۇپ، ئاساسلىقى تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانغا تارالغان. دۆلىتىمىزنىمۇ بوخەي، خۇاڭخەي، دوڭخەي دېڭىزلىرىدىن تارتىپ نەنخەي دېڭىزلىرىغىچە كەڭ تارقالغان بولۇپ، دۆلىتىمىز تۆت چوڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  带鱼
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Trichiurus lepturus
تەۋەلىكى:  ھايۋاناتلار دۇنياسى—خوردىلىق ھايۋانلار تىپى—گۈگۈنسىمان پالاقچىلىقلار سىنىپى—ئوكۇنسىمانلار ئەترىتى—تاسمىبىلىق ئائىلىسى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    تاسمىبىلىق تەركىبىدە ياغ، ئاقسىل، ۋىيتامىن A، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، فوسفور، كالتسىي، تۆمۈر، يۇد قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازاننى قىزىتىش، تىرىنى نۇرلاندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش، مىڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
    تاسمىبىلىق تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل مىنرالنى ماددىلار ۋە ۋىيتامىنلار بار بولۇپ، ياشانغانلار، بالىلار ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولغان قۇۋۋەت تۇلۇقلاش يىمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ. بۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللار تاسمىبىلىق يەپ بەرسە، ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق؛كىچىك بالىلار تاسما بىلىقنى كۆپ يەپ بەرسە، ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق؛ چوڭلار تاسمىبىلىقنى كۆپ يەپ بەرسە، چوڭ مىڭىنىڭ يىگىلەپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ئاياللار تاسما بىلىقنى كۆپلەپ يەپ بەرسە، تىرىسىنى نۇرلاندۇرۇپ، چاچلىرىنىڭ قارىلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق
    تاسما بىلىق تەركىبىدىكى DHA ۋە EPA نىڭ مىقدارى تاتلىق سۇ بىلىقلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ،  بۇ ماددىلار ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى  كۆتۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号