ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
بۆدۈنە(鹌鹑)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-27 كۆرۈلىشى : قېتىم

   بۆدۈنىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 18 سانتىمىتىر ئەتراپىدا كىلىدىغان بولۇپ، جىسمى كىچىك ھەم يۇمىلاققا مايىل كىلىدۇ. بۆدۈنە ياۋرۇپا، ئافرىقا ۋە ئاسىيا ئەللىرىگە تارالغان؛ دۆلىتىمىزدە بولسا، شىنجاڭنىڭ غەربى قىسمىدىكى يەكەن قاتارلىق جايلاردىن شەرقى قىسمىدىكى لوپنۇر كۆلىگىچە بولغان ئارلىقتا كۆپىيىپ، شىزاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى جەنۇبى قىسىملىرىدا قىشلايدۇ.
خەنزۇچە ئاتلىشى: 鹌鹑
لاتىنچە ئاتىلىشى: coturnix
تەۋەلىكى: ھايۋاناتلار دۇنياسى—خوردىلىق ھايۋانلار تىپى—ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى—قۇشلار سىنىپى—ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى—توخۇسىمانلار ئەترىتى—قىرغاۋۇل ئائىلىسى—بۆدۈنە ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    تىبابەت ساھاسىدە، بۆدۈنە گۆشى ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەن، ماغدۇرى كەمچىل، قان ئازلىق كىسىلى بار ھەم بېشى قېيىش، بۆرەك ياللۇغى ۋە ئىششىقى، ئىچى سۈرۈش، يۇقىرى قان بېسىم، سېمىزلىق، ئارتىرىيە قېتىشىش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى بار بىمارلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
   بۆدۈنە گۆشى تەركىبىدىكى لېتسىتېن ئىرىشچان فوسفاتىدلىق ياغلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ، كىچىك قان پىلازمىلىرىنىڭ يېغىلىۋىلىشىنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى توسۇپ، قان تۇمۇر دىۋارلىرىنى قوغدايدۇ ۋە ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. فوسفاتىدلىق ياغلار بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك نىرۋا ھەرىكىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا بولۇپ، مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.
دورىلىق قىممىتى
    بۆدۈنە گۆشىنىڭ ئىستىمال قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. جۇڭگو تىبابىتىدە بۆدۈنە گۆشىنىڭ ماغدۇر تۇلۇقلاش، سۆڭەكنى چىڭىتىش، ئىسسىقنى ھەيدەش، ئىششىقنى ياندۇرۇش قاتارلىق رولى بار دەپ قارىلىدۇ. كىلىنكىلىق سىناقلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بۆدۈنىنىڭ تۇخۇمى ۋە گۆشىنىڭ قان ئازلىق، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، نىرۋا ئاجىزلىشىش، كاناي ياللۇغى، يۈرەك كىسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم، ئۆپكە توبىركىليوز، ھەيىز بىنورمال كىلىش قاتارلىق كىسەللىكلەر ۋە ئالامەتلەرگە قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بار ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号