ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
ئات گۆشى(马肉)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   
    ئات گۆشى، ئوتخور ھايۋان ئاتنىڭ گۆشىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئات گۆشى يۇمران، مايلىق قىسمى نىسبەتەن ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزگىچە تەم ۋە مول ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  马肉 
ئات تەۋەلىكى:  ھايۋاناتلار دۇنياسى—خوردىلىق ھايۋانلار تىپى—خوردىلىق ھايۋاناتلار كەنجى تىپى—سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلار سىنىپى—توم تۇياقلىقلار ئەترىتى—ئات ئائىلىسى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100گىرام ئات گۆشى تەركىبىدە 122كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 20.1 گىرام ئاقسىل، 4.6 گىرام ياغ، 0.1 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 28 مىكروگىرام ۋىيتامىنA، 1.1 مىكروگىرام كاروتىن، 74.1 مىكروگىرام رىننول، 0.06 مىللىگىرام تىئامىن، 0.25 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 2.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 1.42 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 84 مىللىگىرام خولىستىرىن، 526 مىللىگىرام كالىي، 115.8 مىللىگىرام ناترىي، 5 مىللىگىرام كالتسىي، 41 مىللىگىرام ماگنىي، 5.1 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.03 مىللىگىرام مانگان، 12.26 مىللىگىرام سىنىك، 0.15 مىللىگىرام مىس، 367 مىللىگىرام فوسفور، 3.73 مىكروگىرام سېلىن بار.
ئىستىمال قىممىتى
    1. ئات گۆشى تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىيتامىنلىق ماددىلار ۋە كالتسىي، تۆمۈر، ماگنىي، سىنىك ، سېلىن قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنتلار مول بولۇپ، جىگەر فونكىسىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىموننت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى  بار.
    2. ئات گۆشىنىڭ ياغ تەركىبىنىڭ سۈپىتى كالا ۋە قوي گۆشىگە قارىغاندا يۇقىرى بولۇپ، ئات گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى ئۆسۈملۈك مېيىغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالار خولىستىرىننى ئىرىتىپ، قان تۇمۇر دىۋارلىرىدا يېغىلىپ قېلىشىنى توسىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号