ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى » ئاشخانا سايمانلىرى
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىن ئەپچىل پايدىلىنىش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2017-06-28 كۆرۈلىشى : قېتىم

 20160320131954148.jpg

يېڭى ساقلاش سۇلياۋ پەردىسىدىن تولۇق پايدىلىنىڭ. تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى قىزىتماقچى بولغاندا، يېڭى ساقلاش سۇلياۋسىدىن ئەپچىل پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزىتماقچى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ئوراڭ. بۇنداق قىلغاندا يېمەكلىك تەركىبىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، يېمەكلىكنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، تاماق قىزىتىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، توك تېجەش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.

توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىشتىن بۇرۇن ئېرىتىۋېلىڭ. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى قوزغىتىش ۋە توختىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىسسىتماقچى بولغان يېمەكلىكنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ساندۇقىدىن سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا يۆتكەپ، ئاستا – ئاستا ئېرىتىۋېلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق.

 نىسبەتەن قۇرغاق يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت تەكشى سۇ پۈركەڭ، بۇنداق قىلغاندا ئىسسىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، توك سەرپىياتىنى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 بىر قېتىمدا ئىسسىتماقچى بولغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ئەڭ ياخشىسى 500 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ناۋادا ئىسسىتىىدىغان يېمەكلىك كۆپ بولسا توغرا كەلسە، بىرنەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئىسسىتىش لازىم. ئارىلىقتا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى دەم ئالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئامال بار «كۈچلۈك ئوت» تا ئىسسىتىڭ.

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قوزغىتىلغان چاغدا توك كۆپ كېتىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتىش داۋامىدا ۋاقىتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئوچاقنى قوزغاش ۋە توختىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدىلا مەقسەتكە يېتىش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号