ھەممىمىزگە مەلۇملۇقكى، يۇقىرى سۈپەتلىك بىر ئاشخانىغا نىسبەتەن ئاشخانا سايمانلىرىنى تاللاش ئەڭ مۇھىم؛ كۆڭۈلدىكىدەك ئاشخانا سايمانلىرى بولمىسا، تەملىك تاماق تەييارلاشمۇ تەسكە توختايدۇ.
ئاشخانا سايمانلىرىنى تاللاش ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. بۇندىن باشقا يەنە قانداق ماتىريالدىكى ئاشخانا سايمانلىرى ساغلاملىققا زىيىنى يوق ھەم ئاسان بۇزۇلمايدۇ، قايسى خىلدىكى ئاشخانا سايمانلىرى ئىشلىتىشكە ئەپلىك دىگەندەك بىر قاتار مەسلىلەر بىز ئاشخانا سايمانلىرى سېتىۋالغاندا دۇچ كىلىدىغان مەسىلىلەردۇر.
قازان تاللاش
قازان--- تاماق تەييارلاشتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئاشخانا سايمىنىدۇر. ئۇنداقتا قانداق قازان تاللاپ سېتىۋالغاندا، ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ھەم قىلغان تاماقلىرىمىز تەملىك بولىدۇ؟
1. ماتىريال جەھەتتە، ئەگەر سىزنىڭ تاماق ئىتىش تېخنىكىڭىز يۇقىرى بولسا، يەنىلا تۆمۈر قازان ئىشلەتكىنىڭىز ياخشى؛ چۈنكى بۇنىڭدا گەرچە سۈرئەت ئاستا بولسىمۇ، ئەمما سىزنىڭ تېخنىكىڭىزغا ئاساسەن، تېتىملىق تاماق تەييار قىلىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ.
2. قورۇما قورۇشتا چوقۇم چاپلاشماس قازان تاللىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا ماي بۇسى ئاز بولۇپلا قالماي، يەنە قازان تىگىگە چاپلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولمايدۇ، قازانغا كەلگەن ئىسسىلىقنىڭ تەكشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
3. يىمەكلىك دۈملەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قازان تاللىغىنىڭىزدا، ماتىريالغا ئەھمىيەت بىرىپلا قالماي، يەنە قازاننىڭ قېلىنلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بىرىشىڭىز لازىم؛ بۇنىڭدا ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ خوراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. ئادەتتە يىمەكلىكلەرنى دۈملىگەندە، ۋاقىت ئۇزۇن كىتىدىغان بولغانلىقتىن، بۇ خىلدىكى مۇھىت ئاسرايدىغان قازانلار ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ.
چەيدو-پىچاق تاللاش
ھازىرقى زاماندىكى ئاشخانىلاردا بىرلا چەيدۇ ياكى قىڭراق بولسا، ھاجىتىڭىزدىن چىقالمايدۇ. ئەگەر ئۇستاملارچە ئىقتىدارىڭىزنى تۇلۇق نامايان قىلاي دىسىڭىز، بىر يۈرۈش ئىشلىتىشكە ئەپلىك چەيدۇ-پىچاقلار كىرەك بولىدۇ.
1. بىسى ئىتتىك چىدامچان بولۇش؛ يىمەكلىك دەرىجىسىدىكى ماتىريالدىن ياسالغان بولۇش، چۈنكى ساغلاملىق ھەممىدىن مۇھىم.
2. ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم؛ تاللىغان چەيدو-پىچاقلىرىمىز تۇتۇشقا ئەپلىك، ئىشلەتكەندە ئادەمنى بىئارام قىلمايدىغان بولۇشى كىرەك.
3. ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەرگە قارىتا ئوخشىمىغان چەيدو-پىچاق تاللىساق، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ھەم قولىمىزغا زەخمە يەتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
دوخوپكا تاللاش
كىشىلەرنىڭ يۇقىرى سەۋيىدىكى تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە ئەگىشىپ، دوخوپكا بىر خىل ياردەمچى پىشۇرۇش سايمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ ئىستىمالچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئىرىشمەكتە.
1. ئالدى بىلەن سىغىمىغا قاراش؛ ئادەتتە ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان دوخوپكىلارنىڭ سىغىمى 10لىتىر ئەتراپىدا بولسىلا، ئېھتىياجنى قامدىيالايدۇ.
2. تىمپىراتۇرىنى ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھالەتتە كونتىرول قىلالايدىغان بولۇشى، تىمپىراتۇرىنىڭ مۇقىم بولىشىغا ۋە يىمەكلىكنىڭ ھەر تەرەپلەردىن ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشنىڭ تەكشى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولۇشى كىرەك.
3. ئاخىرىدا دوخوپكىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراش؛ دوخوپكىنىڭ ئىچكى قىسمى ماتىريالى يىمەكلىك دەرىجىسىدە بولۇشى، سۇۋالغان بولماسلىقى، ساغلام بىخەتەر بولۇشى كىرەك.
بۇ جاۋاپ بىرىش ئىنتايىن تەس بولغان بىر مەسىلە؛ چۈنكى، سىز بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز، ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ئالداۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز بولمايدۇ دەپ جاۋ
ئادەتتە تائام تەييارلىغان ياكى قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، بەزىدە ئىھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپرەك قوشۇۋىتىپ، قورۇما تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بۇندا
پىسخىكىلىق سىناق: تۆۋەندىكى ئۈچ جۈپ كۆزدىن، قايسىسى ئىتنىڭ كۆزى؟ ئۈچ جۈپ كۆزدىن بىرنى تاللاپ، ئەقلى ئىقتىدارىڭىزنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بىلىۋىلىڭ!
قانداق قىلغاندا، قارىماققا ھېچ ئاخىرقى چېكى يوقتەك بۇ بىر بۆلەك ھىسياتنى، مۇۋاپىق بىر نەتىجىگە ئىرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئەگەر سىز، بىرگە بولالمايدىغان بىر ئادەمنى ي
ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن
ھەربىر ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى باسالماي قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ بىر ئادەم كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ ئۆزىنى بىلمەي چاقچ
بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ. ئوخشاشلا، بىزنىڭ ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىمىزمۇ، بىزنىڭ تەن ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىر
سىز بەلكىم ئىرىنىڭ تاشلىۋىتىشى دەپ جاۋاپ بىرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق مەن بۇنداق دەپ قارىمايمەن؛ مىنىڭچە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ تىراگىدىيىسى، تىرىك يۈرگىن
25-دېكابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شەندۇڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا، بىر مەيدان يۇقىرى ياش بۆلىكىدىكى ئەھۋالى خەتەرلىك بول
تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1 新公网安备 65010202000516号