ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى » كەسپى يېڭى ئۇچۇرلار
كاڭشىفۇ شىركىتى بىر كۈندە قانچىلىك كالا گۆشى ئىشلىتىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-08-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تەييار چۆپ، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قولايلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ۋە ئېلىپ يۈرۈش ئاسان، قايناقسۇغا چىلاپ قويساقلا، نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇش رېتىمى تىز كىشىلەرگە نىسبەتەن، تەييار چۆپ يامان ئەمەس بىر تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، ۋاقىتنى تىجەش بىلەن بىرگە قوساق توقلاشقا بولىدۇ، قىش كۈنلىرى يەنە تېخى ئىسسىۋىلىشقا بولىدۇ.
   ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر كاڭشىفۇنىڭ كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپىنى يەپ باققان. بۇ تەييار چۆپنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، تەمىمۇ كۆپ خىللاشقان بولۇپ، سېتىلىشىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى تەييار چۆپ بازارلىرىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
   بەلكىم بەزىلەر سورىشى مۇمكىن، نېمە ئۈچۈن كاڭشىفو كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپنىڭ ئىچىدە كالا گۆشى يوق؟ ئەمەلىيەتتە، خۇرۇچ خالتىسى ئىچىدە كالا گۆشى يوق ئەمەس، پەقەت بۇ كالا گۆشى، غولپىياز مايسىسىدىنمۇ نېپىز، تىرناقچىلىك چوڭ-كىچىكلىكتە بولۇپ، ياخشىراق قارىمىساق تاپقىلى بولمايدۇ. گەرچە مۇشۇنداق كىچىككىنە بولسىمۇ، ئەمما بۇ كالا گۆشى خۇرۇچ خالتىسى ئىچىگە قاچىلىنىپ، تەييار چۆپنىڭ خۇرۇچى سۈپىتىدە سېتىلىدىغان بولغاچقا، شۇڭا كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپ دەپ ئاتىلىدۇ.
   كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپتىكى كالا گۆشى ئىنتايىن كىچىك ئىكەن، ئۇنداقتا، بىر يىلدا شۇنچە كۆپ تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەم سېتىپ چىقىرىدىغان كاڭشىفۇ شىركىتى، ھەر يىلى قانچىلىك كالا گۆشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟
   بىز ئالدى بىلەن كۆرۈپ باقايلى: ھەربىر بولاق كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپىدە، كالا گۆشىنىڭ مىقدارى 1.349گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭغا سۇسىزلاندۇرۇلغان كالا گۆشى ئىشلىتىلىدۇ؛ بۇ مىقدار ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئادەتتە پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتلاممۇ-قاتلام تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىلىدىغان بولغاچقا، بۇ مىقداردىن كۆپ بولمايدۇ ھەم ئازلاپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمدى كالا گۆشىگە قاراپ باقساق، قورامىغا يەتكەن بىر توياق كالىنىڭ ئېغىرلىقى ئادەتتە 800-600جىڭ ئەتراپىدا كېلىدۇ؛ ئەگەر %51ساپ گۆش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىساق، قورامىغا يەتكەن بىر تۇياق كالىدىن 400-300جىڭ ئەتراپىدا سۆڭەك قاتارلىق باشقا ئارىلاشمىسى بولمىغان ساپ گۆش چىقىدۇ. ئەگەر بۇ بويىچە ھېسابلىساق، بىر تۇياق كالىدىن چىققان كالا گۆشى، ئادەتتە 180-150مىڭ بولاق كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرىشقا يىتىدۇ.
   ئەگەر كالا گۆشىنىڭ خوراش سەرپىياتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇتەئەسسىپرەك مۆلچەرلەشتە، كاڭشىفۇ تەييار چۆپى، دۆلەت ئىچىدە ھەركۈنى 100مىڭ بولاق ئەتراپىدا سېتىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كاڭشىفۇ شىركىتى ھەر ئىككى كۈندە بىر تۇياق كالىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ مۇتەئەسسىپرەك ھالدا ھېسابلىغىنىمىز بولۇپ، كاڭشىفۇ كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپىنىڭ كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 100مىڭ بولاقتىن ئېشىپ كىتىشى مۇمكىن.
   بۇندىن باشقا، كاڭشىفۇ شىركىتىنىڭ چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەربىر بولىقىغا ئىشلىتىدىغان كالا گۆشى، دۆلەت ئىچىدە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭكىدەك ئۇنداق كىچىك ئەمەس، بەلكىم دۆلەت ئىچىدە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەر بىر بولىقىغا ئىشلىتىگەن كالا گۆشىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە تەڭ كېلىشى مۇمكىن. بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، كاڭشىفۇ شىركىتى ھەركۈندە بىر تۇياق كالىنىڭ گۆشىنى سەرپ قىلىپ ئىشلىتىشى مۇمكىن.
   كۈندە بىر تۇياق كالا، بىزگە نىسبەتەن، بۇ مىقدار ئاڭلىماققا ناھايىتى كۆپتەك بىلىنىدۇ. لېكىن، كۈندە يۈز نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ بولاق كالا گۆشى تەملىك چۆپى ساتىدىغان، بىر مىليارد 400مىليۇن نوپۇسى بار دۆلىتىمىز ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەتكە نىسبەتەن، بىر تۇياق كالىنىڭ سالمىقى، ھەتتا بىر بولاق تەييار چۆپ ئىچىدىكى بىر گىرامدىن ئارتۇقراق بولغان كالا گۆشىچىلىكمۇ كەلمەسلىكى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号