ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى » كەسپى يېڭى ئۇچۇرلار
ئاشپەزلەر بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2017-10-03 كۆرۈلىشى : قېتىم

 

   بىرىنچى، ئاشخانىنىڭ يوقلىما تۈزۈمى
1.  ئاشخانا  ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئىشتىن چۈشكەندە يوقلىما قىلىش،  باشقىلارنىڭ ئورنىدا  يوقلىمىدىن ئۆتۈش قاتتىق مەنىي قىلىنىدۇ.
2.      خىزمەتچىلەر چۇقۇم خىزمەت كىيىمىنى تولۇق كىيىشى كېرەك.
3.  ئاشخانىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، ئىسمېنا قوشۇپ  ئىشلەيدىغان ئاشپەزلەرئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئىش ئورنىداتۇرۇش، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماسلىق.
001.jpg
4.  خىزمەت ۋاقتىدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ،  خىزمەت   بىلەن  مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق. خىزمەتنى ، ئىش ئەمەس  مەسىلەن ،  كىتاب ئوقۇش ، شاھمات ئويناش، تېلېفون قوبۇل قىلىش،  ئۆز ئارا پاراڭلىشىش قاتارلىقلار
5.    كېسەل سەۋەبلىك رۇخسەت سورىماقچى بولغانلار، مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن رۇخسەت سوراش زۆرۈر ھەمدە دوختۇرخانىنىڭ  كۈچكە ئىگە ئىسپات ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى  يۇقىرغا تاپشۇرۇشى كېرەك. رۇخسەت سورىغاندا رۇخسەت سوراش خېتى يېزىپ  ئەنگە ئالدۇرىش .
6.  ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ئىشلىرى توغرىلىق رۇخسەت سوراش توغرا كېلىپ قالسا،   ئۇنىڭدىنمۇ چۇقۇم مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئاشپەزلەر باشلىقىدىن رۇخسەت سوراش كېرەك.  تېلېفوندا ۋە ياكى باشقا ئالاقە قوراللىرىدا رۇخسەت سوراشقا بولمايدۇ. ئاشپەزلەر باشلىقى  رەسمىيەتلەرنى تەستىقلىغاندىن كېيىن ، رۇخسەت كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر تەستىقلاتماي تۇرۇپ ، سەۋەبسىز ئىشقا كەلمىسەخىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىش بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
002.jpg
7.  خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،   ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە توغرا كەلسە،  ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ۋاقىتنى ھېسابلاش بويىچەمائاشىغا پۇل قوشۇپ بېرىلىدۇ.
8.  توي رۇخسىتى ، تۇغۇت رۇخسىتى، قاتارلىقلار ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قوللانمىسىدا  بەلگىلەنگەن  تۇزۇملەر بويىچە بولىدۇ.
 9.  بۇ تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى ئاشخانىدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ئورتاق بولىدۇ.
ئىككىنچى،ئاشخانا كىيىنىش تۈزۈمى
1.  خىزمەت ۋاقتىدا  ئىشچى خىزمەتچىلەر چۇقۇم خىزمەت فورمىسى كىيىپ ئىشلىشى. خىزمەت  بىزنىڭكىنى بەلگىلەنگەن ئورنۇمغا تاقىشى. كىيىم كېچىكى رەتلىك ۋە پاكىز بولۇشى كېرەك.
2.  خىزمەت ۋاقتىدا چۇقۇم خىزمەت ئايىغى كىيىش كېرەك. ھەرگىزمۇ ساپما كەش،  ۋە ياكى باشقا ئاياغلارنى كىيىشكە بولمايدۇ.
3.  خىزمەت كىيىمىنى پاكىز ۋە رەتلىك كىيىش كېرەك ، خىزمەت كىيىمىنى بىلەن بىرلىكتە باشقا زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشقا بولمايدۇ.
4.  ئاشپەزلەر خىزمەت كىيىمىنى كىيىپ ، باشقا جايلارغا مېڭىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ ، مەسىلەن ، ئالدى زال مېھمانلار جىق توپلاشقان يەرلەرگە  قالايمىقان مېڭىشقا بولمايدۇ.
003.jpg
 5.     بەلگىلىمە بويىچە مەيدىسىگە خىزمەت ئىزدىگىنىنى تاقاش كېرەك.
 6.     ئېيتىلغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالاش تۈزۈمىگە ئاساسەن جازالىنىدۇ.
 ئۈچىنچى ، ئاشخانا تازىلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى.
1 .    ئاشخانىدا يىغىلىپ قالغان كېرەكسىز سۇلارنى ۋاقتىدا تازىلاش.
2.  ئاشخانىنىڭ بولۇڭ پۇچقاقلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش،  ئۆمۈچۈك تورلىرىنى ئېلىپ تۇرۇش،  ئاشخانىنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاپ چاشقان ، چىۋىن قاتارلىق  ھاشاراتلارنىڭ  ئالدىنى ئېلىش.
3.    بۇس سۈمۈرگۈچ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش.
4.  ئاشخانا ئۈستەلى دەرىزە ئىشىكلەرنى تازىلاپ تۇرۇش،  قالدۇق ، ئەخلەتلەرنىڭ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
004.jpg
5.  ئاشخانا بۇيۇملىرىنى  پاكىزە ، رەتلىك تۇتۇش مەسىلەن،  پىچاق چەيدو،  پول سۈرتكۈچ قاتارلىقلارنى  ۋاقتىدا پاكىزلاپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
6.  يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ  ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغان كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىش ، سوغۇق ساقلاشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاش كېرەك.
7.  ئاسان چىرىپ قالىدىغان يېمەكلىكلەرنى نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش،  يېمەكلىكلەرنىڭ چىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
8.   تەم تەڭشىگۈچى ماتېرىياللارنى ئۆز جايىغا قويۇپ،  قول بىلەن بىۋاسىتە تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
9.  ئاشخانىدىن چىققان كېرەكسىز سۇلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ، ئۇزاق مۇددەت ئاشخانا ئىچىدە قويۇپ قويماسلىق كېرەك.
10.  ئاشپەزلەرمۇ تاماق ئەتكەندە ، چۇقۇم شەخسى تازىلىقىغا رىئايە قىلىش،  خىزمەت كىيىمىنى رەتلىك كىيىش بىلەن بىرگە ، ئۇزۇن تىرناق قويماسلىق تىرناقلىرىنى بويىماسلىق كېرەك.
005.jpg
11.ئاشپەزلەر تاماق ئەت ىكەن ۋاقتىدا قالايمىقان بۇ يەرگە تۈكۈرمەسلىكى كېرەك.
12.ئاشپەزلەر تاماق ئېتىشتىن بۇرۇن قوللىرىنى يۇيۇۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.
13.  ھەر كۈنلۈكى ئاشخانىنىڭ ئىچىنى تازىلاش سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن تازىلاش ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ  تۇرۇش كېرەك.
14. ئاشخانا ئىچىدە يېتىپ ئۇخلىماسلىقى كېرەك. كىيىملەرنى قالايمىقان تاشلاپ ، ئىشقىلىپ قويماسلىق كېرەك.
15. ئەگەر يۇقۇملۇق كېسەللىك بايقالسادوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك ، ھەمدە ئاشخانىدىكى بارلىق خىزمەتلەر بىلەن ئالاقىسىنى ئۆزۇش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • تاۋۇز (西瓜)

    تاۋۇز (西瓜)

    تاۋۇز بىر يىللىق پىلەكلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، مىۋىسى ئىللىپىس شەكىلدە، ئېتى كۆپ ھەم شەربەتلىك؛ ئىچىدە قارا ياكى قىزىل رەڭلىك ئۇرۇقلىرى بار، سىرتقى يۈزى سىيلىق ھەم ھەر

  • شاپتۇل(桃)

    شاپتۇل(桃)

    شاپتۇل ئۆسۈملۈك مىۋىسىگە تەۋ، ئېتى شەربەتلىك كىلىدۇ، دەرەختىن ئۈزۈپ خام پېتى يىيىشكە ياكى شاپتۇل قېقى، كونسىرۋا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

  • نەشپۈت(香梨)

    نەشپۈت(香梨)

    نەشپۈت، كۆك ئامۇتنىڭ(大头梨) يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، خۇشپۇرىقى كۈچلۈك، پوستى نېپىز، ئېتى يۇمران، شەربىتى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

  • قوغۇن (哈密瓜)

    قوغۇن (哈密瓜)

    قوغۇن، كەڭ ئۇچرايدىغان يازلىق مىۋىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، شېكەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 21 پىرسەنتكە يىتىدۇ.

  • شاتارى (栀子)

    شاتارى (栀子)

    شاتارى، جۇڭيى تىبابەت دورا ئىسىمى بولۇپ، رويان ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شاتارىنىڭ مىۋىسىدۇر.

  • داغۇر (白芷)

    داغۇر (白芷)

    داغۇر، جۇڭيى تىبابىتى دورىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، كۈنلۈكسىمانلار ئەترىتى داڭگۇي ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. داغۇر ئاساسلىقى جۇڭيى تىبابىتىدە د

  • قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر، قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قەلەمپۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، غۇنچە يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

  • خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان، جۇڭگۇ تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشتا يەنە تەم تەڭشەش خۇرۇچ ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

  • پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق ئادەتتە لائۇر يۇپۇرمىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، لائۇر دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان يۇپۇرمىقى، ئادەتتە تۇرمۇشتا تائام تەييارلاشتا پۇراق ۋە تەم تەڭشىگ

  • بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

    بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

    كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ سېلىپ گېلىغا تۈرۈپ قالىدىغان

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号