1. زىيادە غەم يىيىش
تولا غەم يەيدىغان ئاياللار ئاسانلا قېرىپ كىتىدۇ ، بۇ جۈملە سۆز ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان ؛ ئاياللار كۆپىنچە ھاللاردا ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئائىلىگە بەكرەك كۆڭۈل بۈلىدىغان بۇلۇپ ، بىر تەرەپتىن ئۆينىڭ چىقىمى ، ئامانەت قويغان پۇلىنىڭ ئاز كۆپلىكى ئۈچۈن غەم يىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالى ۋە چوڭ بولغاندا ياخشى خىزمەت تېپىش تاپالماسىلىقى توغرىسىدا غەم يەيدۇ ؛ ئەمما تولا غەم يەيدىغان ئاياللارنىڭ كۈنى ئۇنچە بەك ياخشى ئۆتمەيدۇ .
ئاياللار ئۆيدە تىرىشىپ ئۆي تۇتىدۇ ، ئەرلەر تېخى ئاياللارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى چۈشەنمەيدۇ ، تاماق ۋاقتى ئازراق كەينىگە كىتىپ قالسا ئاياللارنى ھۇرۇنلۇق قىلدى دەيدۇ ؛ ئاياللار ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆي ئۈچۈن جاپا چىكىش ۋە ھەر تەرەپلەردىن غەم يىيىش سەۋەبىدىن ئاسان چىرايىدىن كىتىپ قالىدۇ ، ئەمما ئەرلەر ئۇلارنى قېرى مەزلۇمە دەپ ئاھانەت قىلىدۇ ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سىرتلارغا چىقىشنى خالىمايدۇ ؛ ھەتتا بەزى تاشيۈرەك ئەرلەر ئاياللارنىڭ غەم يىيىشىنى كوتۇلدىغانلىق دەپ بىلىپ ، ئاياللار ئۇلارغا ھاراقنى ئاز ئىچىش ، ماشىنىنى ئاستا ھەيدەش ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش توغرىسىدا جىكىلىسە ، ئەرلەر بۇلارنى ئاڭلاپ مىننەتدار بولمايلا قالماستىن بەلكى زىرىكىش ھىس قىلىدۇ .

2. زىيادە ئىشچان بۇلۇش
ياتلىق بولغاندىن كىيىن ، ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ؛ كىيىملەرنى يۇيۇش ، تاماق ئىتىپ تازىلىق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلىدىغان بۇلۇپ ، ئىنچىكىرەك ھىسابلىغاندا ئاياللارنىڭ قىلغان ئۆي ئىشلىرى ئەرلەرنىڭ قىلغان خىزمىتىدىن ئاسان ئەمەس ؛ ئەمما ئاياللار ئۆيدە بەك تىرىشچان بۇلۇپ كەتسە ، قېيىنئانا ۋە ئىرىنىڭ نەزىرىدە " ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق بۇلۇشقا تىگىشلىك " كە ئۆزگىرىپ ، ئاياللارنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىنى ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ .
قايسى بىر كۈنى ئەگەر ئاياللار زۇكام بۇلۇپ قالسا ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بولمايدۇ ، كىيىملەر يەنىلا ئاياللارنىڭ يۇيىشى ئۈچۈن ساقلىنىپ يېغىپ قويۇلىدۇ ؛ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئايال كىشىنىڭ تاماق ئىتىشىنى ساقلاپ ئاچ ئولتۇرىدۇ . ئەگەر ئاياللار مىجەزى يوق تاماق ئەتكۈسى كەلمىسە ، قېينئانىسىنىڭ تىل-ئاھانىتىگە ئۇچرايدۇ . شۇڭلاشقا ئاياللار بەك ئىشچان بۇلۇپ كەتسە ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، يەنە ئائىلىدىكى باشقىلارنى تەييارتاپ قىلىپ قويىدۇ .

3. مىسكىن يۈرۈش ، ئوي-خىيالى كۆپ بۇلۇش
توي قىلغاندىن كىيىن ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغان ئىشى بەك كۆپ بۇلۇپ ، ئىرىگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغىنىدا ، ئىرى ھەر قېتىم چارچاپ كەتكىنىنى باھانە قىلىپ ، قايتىپ كىلىپلا ئۇيقۇغا كىتىدۇ . بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاياللار ئاسانلا مىسكىنلىككە چۆكۈپ قالىدىغان بۇلۇپ ، ئۆزىنى ناھايىتى تەنھا ھىس قىلىدۇ ، ئىرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ؛ بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ ئائىلە كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ؛ ئۆيدىكىلەرنىڭ كىسەل بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ، ئويلايدىغىنى كۆپەيگەنسىرى كىچىلىرى ئۇخلىيالمايدۇ .
ئوي-خىيالى كۆپ ئايال كىشىنىڭ كەيپىياتى ھەمىشە بىنورمال بۇلۇپ قېلىپ ، سەۋەپسىزلا خاپا بۇلۇپ قالىدۇ ، ئۆزىنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك شۇنداقلا ناھايىتى ھارغىنچىلىقتا ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ ؛ ئەكسىچە بىر ئىشلارغا ئۇنچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان ئاياللار كۆڭۈل ئازادىچىلىگىدە ياشايدۇ .
ئاياللار تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش جەريانىدا بەك يۇمشاق بۇلۇپ كەتمەسلىگى ، بەك قاتتىق قول بۇلۇپمۇ كەتمەسلگى لازىم ؛ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىرىنى ئۆزى قىلىشى ، ئۆزىگە چوڭ بېسىم ئارتىۋالماسلىقى ، ئىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە خوشامەت قىلىش ئۈچۈن ياشىماسلىغى كىرەك ؛ بولمىسا زىيادە پەس قىياپەتتە تۇرسىڭىز ، بوزەك قىلىنىپ ھاياتى ھارغىنچىلىقتىلا ئۆتىدۇ .
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 20-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايالنىڭ سەككىز تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلاپ نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىكى سۈ

ئادەتتە ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش يىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن ئايالىڭىزنىڭ ياكى قىز دوستىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ق

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ، بىراق ئەگەر بىرەرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەببى

كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ. بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر رەسسام بار؛ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى كۆپىنچىس

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

ھەرقانداق بىر قىزبالا، ئكزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتىدا توي كىيىمى كىيىپ، ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ياتلىق بولۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر چوڭقۇر مۇھەببە

بۇ بازاردا، %10تىن ئارتۇق ئايال قوشكىزەككە ھامىلدار بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بالىلارنىڭ قوشكىزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋيىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغر

ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号