قاش شەكلى ئېقىمىنىڭ يۈزلىنىشى ئىزچىل تۈردە توم ئىنچىكىلىكى ۋە تۈز ئەگرىلىك ئارىسىدا توختىماي ئۆزگىرىشى جەھەتتە بۇلۇپ،كورىيەچە بىر سىزىق شەكىلدىكى قاش گەرچە بىر مەزگىل داڭ چىقارغان بولسىمۇ،ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مودىدىن قالدى!
بۇ يىل يازدىكى مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە ، تەبىئى ئەمما يېقىشلىق گۈزەللىككە ئىگە "كىچىك ئېقىن قېشى"،ئاللىقاچان نۆۋەتتىكى ئەڭ مودا بولغان قاش شەكلىگە ئايلاندى.

ھازىر ھەممىدىن داڭ چىقارغان ياش ئايال چولپانلار ھەممىسى ئاستاغىنە كىچىك ئېقىن قاش شەكلىنى ئالماشتۇرۋالدى...
سۇڭ چىيەن،ئوۋنى ئەزەلدىن قېشىنى سىزىشتا خاتالىشىپ سالمايدىغان چولپانلار بۇلۇپ،يېقىندا ئۇلار ئۇرۇق كەلگەن چىراي شەكلى ۋە كىچىك ئېقىن قېشى شەكلىدە سىزىلغان قاش شەكلى بىلەن قىزىق نوقتىغا ئايلاندى.سۇڭ چىيەن،ئوۋنىلارنىڭ قاش شەكلىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى،قاش چوققىسىنىڭ ئىگىز پەسلىكى دەل جايىدا كەلگەن بۇلۇپ،ئەڭ تىز سۈرئەتتە بەش ئەزايىڭىزنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەپ،چىراي شەكلىڭىزنى ئوڭشاشقا پايدىلىق كىلىدۇ،سىرىق تەنلىك قىزلار كونتىرول قىلالمايدىغان دەرىجىدە مۇبالىغە شەكلىدە بۇلۇپمۇ كەتمەيدۇ .

سۇڭ چىيەننىڭ قاشلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسەك،چىرايى گۈزەل كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز — يەنى قاشنىڭ كەڭلىكى بىر سانتىمىتىر ئىچىدە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بۇلىدىغان بۇلۇپ،بەك كەڭرى بۇلۇپ كەتسە شەكلى يوقتەك كۆرىنىدۇ .

جاۋلىيىڭ بېيجىڭ كىنو بايرىمىغا قاتناشقان ۋاقتىدا،چاچ پوسۇنى ناھايىتى يارىشىملىق كەلگەن بۇلۇپ،ناھايىتى ئوماق كۈرۈنەتتى.ئۇنىڭ كىچىك ئېقىن شەكلىدە سىزىلغان قېشى،ئۇنىڭ چىرايىنى ئۇرۇق كۆرسىتىپلا قالماستىن،ئۇنىڭ چاچ پوسۇنىغا ماسلىشىپ،يېشىنى تېخىمۇ كىچىك كۆرسىتىدىغان ئۈنۈم ھاسىل قىلغان!

تاڭ يەن لوجىن بىلەن بولغان ئاشىق-مەشۇق مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىغاندىن بويان،تېخىمۇ گۈزەل بۇلۇپ كەتتى.تەبىئى ھالدا كىچىك ئېقىن شەكلىدە سىزىلغان قېشى ئۇنىڭ گىرىم ھالىتىنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە جەلىپكار قىلدى .

ماسىچۈن "ئالتۇن ئات كىنو خانىشى" تاجىسىنى كەيگەندىن كىيىن،تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى؛تەسىر كۈچىمۇ زورىيىپ ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولدى.


لۇ خەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ماسىچۈن كالتا چاچ چۈشكەن سۈرىتىنى تورغا چىقارغان بۇلۇپ، قارىماققا چىراي شەكلى لۇ خەننىڭكىگە ئوخشاپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى.

لۇخەننىڭكىگە ئوخشاش قاش سىزىۋالغان بۇلۇپ،ھەر ئىككىسىنىڭ چىراي گۈزەللىك كۆرسەتكۈچى ناھايىتى يۇقىرى كۈرۈنەتتى.

سىز بايقىدىڭىزمۇ يوق؟ماسىچۈننىڭ بۇنداق كىلىشكەن،مەپتۇن قىلارلىق بۇلۇپ كىتىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇنىڭ كىچىك ئېقىن شەكلىدە سىزغان قاش شەكلىدە!

"كىچىك ئېقىن قاش شەكلى" دىگەن نىمە؟
ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا خۇددى تۇغۇلۇشىدىنلا شۇنداق بولغانغا ئوخشاش،تەبىئى قۇيۇق كەلگەن قاش بۇلۇپ،كورىيەچە بىر سىزىق شەكلىدىكى قاش شەكلىگە قارىغاندا كىشىگە بىرىدىغان ياساپ تۈزىگەنلىك تۇيغۇسى ناھايىت ئاز بۇلۇپ ، قاش شەكلى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تۇغۇلما قاش شەكلىگە تېخىمۇ يېقىن كىلىدۇ؛بۇنىڭ بىلەن بىرگە تولۇپ كەلگەن كىچىك ئېقىنلار سىزنىڭ قاش گىرىمىڭىزنى تېخىمۇ تەبىئى كۆرسىتىدۇ،تۇغۇلۇشىدىن قېشى شالاڭ كەلگەنلەرمۇ كىچىك ئېقىن قېشىغا تايىنىپ قاش شەكلىدىكى كەمچىلىكنى يوقىتالايدۇ.

كىچىك ئېقىن قاش شەكلى ئۆزىنىڭ تەبىئى كەلگەنلىگىدەك بۇ ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ،سەنئەت ساھەسىدىكى مودا قاش شەكلىگە ئايلانغان بۇلۇپ،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى كىچىك تىپتىكى ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسىگە يىتىشىپ قالىدۇ.
كىچىك ئېقىن قاش شەكلى قانداق سىزىلىدۇ؟
تەبىئى كەلگەن كىچىك ئېقىن شەكلىدىكى قاش سىزىشتا ھالقىلىق بولغىنى،ئاستا-ئاستا بىر تالدىن سىزىشتۇر.

قاش قۇيرۇق تەرىپىنى سىزغاندا تۆۋەنگە قارىتىپ سىزىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم؛قاش ئۇچىنى سىزغاندا تېخىمۇ ئىھتىيات قىلىش كىرەك بۇلۇپ،چوقۇم يىنىك سىزىشىمىز،ھەرگىز بىر تۇتقانچە بېسىپ ئاخىرىغا ئاپىرىۋەتمەسلىكىمىز لازىم،بولمىغاندا قېشىڭىز قاپقار بىر تۈز سىزىق كۆرۈنۈپ قېلىپ بىرخىل قاتمال تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ.تۆۋەندە بىر تەپسىلى سىزىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى:
بىرىنچى قەدەمدە قاش شەكلىنى بىكىتىۋالىمىز؛ئالدى بىلەن قاشلىق قەلىمىدە مۇۋاپىق قاش شەكلىنى سىزىپ چىقىمىز.

ئىككىنچى قەدەمدە قاش پىچىقى بىلەن قالايمىقان قاش تۈكلىرىنى رەتلەپ،قېشىمىزنى تېخىمۇ ئىنىق،تەبىئى قىلىمىز.

ئۈچىنچى قەدەمدە قاشلىق قەلىمى بىلەن قاش شەكلىنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ،قېشىمىزنىڭ قاتلاملىرىنى سىزىۋالىمىز.

تۆتىنچى قەدەمدە قاش ئۇپىسى بىلەن قاش شەكلىمىزنى توشقۇزۇپ،مۇكەممەل بولغان قاش شەكلىمىزنى چىقىرىمىز.

بۇ ۋاقىتتا تەبىئى كەلگەن كىچىك ئېقىن قېشى پۈتۈپ چىقىدۇ.يېڭىز سىزغان قېشىڭىزنى ئەسلىدىكىگە سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز،بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ روھلۇق بۇلۇپ كەتكەندەك ھىس قىلدىڭىزمۇ؟
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
!友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 20-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايالنىڭ سەككىز تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلاپ نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىكى سۈ

ئادەتتە ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش يىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن ئايالىڭىزنىڭ ياكى قىز دوستىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ق

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ، بىراق ئەگەر بىرەرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەببى

كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ. بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر رەسسام بار؛ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى كۆپىنچىس

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

ھەرقانداق بىر قىزبالا، ئكزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتىدا توي كىيىمى كىيىپ، ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ياتلىق بولۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر چوڭقۇر مۇھەببە

بۇ بازاردا، %10تىن ئارتۇق ئايال قوشكىزەككە ھامىلدار بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بالىلارنىڭ قوشكىزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋيىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغر

ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号